سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
![]() ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۇسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ << قەشقەر تارىخى >> دىمۇ ئىنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان 1028 - يىلى ئەلجەۋھىرىنىڭ << ئەسسۇراغ فىل لۇغاتىت >> ناملىق ئەرەپچە سۇزلىكنى پارىسچە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئىلىپ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن . مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەلىرىگە قارىغاندا . سۇتۇق كۇل بىلىگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارىسلانخاننىڭ ئۇغلى بۇلۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 - يىللىرى ياكى 910 - يىللىرى تۇغۇلغان ، ئاتىسى بۇرۇن ئۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ، تەخىتكە ئۇنىڭ تاغىسى ئۇغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئانىسى ئۇغۇلچاققا نىكاھلانغان . بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ھاكىميەت يۇرگۇزگەن . ئىلگىرى خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قىچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسىر بىننى سۇلايماننى 932 - يىلى كۇتىۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يىقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سىلىشقا ئىجازەت بەرگەن ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت بۇ جايدىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى . شۇ چاغدا ، مۇسۇلمان كارۋانلىرى بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئاتۇشقا كىلىپ سۇدا قىلغان شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كىڭەيتىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ 12 ياشقا تۇشقان سۇتۇق بىلەن ئۇچۇرشۇپ ، ئۇزلىرىنىڭ كارۋانلىرى ئىلىپ كەلگەن ماللارنى كۇزدىن كەچۇرۇش نىقابى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بىلەن ئۇچراشقان ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۇقۇش ئەھۋالىنى كۇرگەن . ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىدىن سۇئال سۇرغان ، << سامانىي دەرھال ئۇلۇغ ئاللانىڭ 99 نامى يۇكسەك پەزىلەتلىرىنى باياب قىلىپ بەرگەن . ئۇ يەنە مۇھەممەد ئەلەھسالامنىڭ سۇزلىرىدىن نەقىل ئىلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۇزلىگەن >> . ئۇغۇلچاقنىڭ جىيەنى سۇتۇق ، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ سۇزلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ھەم ئۇزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلدۇرغان ، سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشنى دالالەت قىلىشى ھەرگىز يەككە - يىگانە تاساددىبىي يۇز بەرگەن ۋەقە ئەمەس . مىلادىيە سەككىزىنجى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر ئۇتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىشقا باشلىغان . ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ئىسلاملاشقاندىن كىيىن ئىسلام دىنى ئىككى يۇز نەچچە يىل داۋامىدا مەخپىي ، ئاشكارا ۋە تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇقلۇق يۇلى ئارقىلىق ئانا دىيار رايۇنىمىزغا كىرگەن . ئۇتتۇرا ئاسيادىكى ماۋەرائۇننەھىرنىڭ شىمالىدا سامانىي خانلىقىنىڭ چىگراسىدا يۇز بەرگەن تۇرلۇك ھەربىي ھەركەتلەر ۋە سۇدا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۇرىكلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا سەۋەپچى بۇلغان ، بۇ ئەھۋاللار قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىكى تارىخى ئارقا كۇرۇنىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگەن . يىگىرمە بەش يېشىدا
ئۇغۇلچاقنىڭ شاھزادە تىكىنلىرى ۋە ئۇردا مەنسەپدارلىرىنى قۇلغا ئىلىپ بەزىلىرىنى ئۇلتۇردى بەزىلىرىنى ئىمان ئىتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۇزدى ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىميىتى پۇتۇنلەي سۇتۇقنىڭ قۇلىغا ئۇتتى . قەشقەر نۇپۇسىنىڭ يىرىمىغا قەدەر مۇسۇلمان بۇلغان قەشقەر خەلىقى ھەر تەرەپتىن سۇتۇقنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەنلىكتىن تەنتەنە قىلىپ پۇتۇن قەشقەر خەلىقى سۇتۇق تىكىننىڭ ھاكىميىتىنى قۇبۇل قىلغان . مىلادىيە 1027 - يىلى قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ خانى دەپ ئىلان قىلىپ قەھىرمانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بۇغرا خانلىق ئۇنۋانىنى قۇللاندى . ئىسلام دىنىنى دۇلەت دىنى قىلىپ ئىلان قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقى ئىچىدە بىرىنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھىساپلىنىدۇ . ھاياتىنىڭ ئاخىرى
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەل ئەشۇ بايانىمىزدىكى ئۇلۇغ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۈنجى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغۇچى ئىدى . جامال قارشى يازغان << سۇرراھ لۇغىتىگە تۇلۇقلىما >> دىگەن كىتابىدىكى مەلۇماتقا قارغاندا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بۇۋىسى كۇل بىلىگ قىدىرخان << قۇز ئۇردۇ >> ( بالاساغۇندا ) مەركىزى ھۇكۇمەتنى باشقۇرغان ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى تۇركى قەبىللەرگە ھۇكۇمرانلىق قىلغان . ئۇنىڭ زامانىسىدا تۇركى قۋملەردىن شاش << تاشكەنت >> رايۇنى ئىسلامنى بۇرۇنراق قۇبۇل قىلغان . ئۇ مىلادىيە 819 - يىللىرىدىن بۇيان ماۋەرائۇننەھردە بۇرۇن ھۇكۇم سۇرگەن ئۇز ھاكىميەتنى كىڭەيتىپ سامانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بۇلغان شۇنى ئىيتىپ ئۇتۇش كىرەككى كۇل بىلىگ قىدىرخاننىڭ ھۇكۇم سۇرگەن زامانى ، پائالىيىتى ھەققىدە بىز ھىشقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس قامال قارشىنىڭ پىكىرىچە كۇل بىلىگ قىدىرخاندىن كىيىن ھاكىميەتنى ئۇنىڭ ئىككى ئۇغلى قۇلغا ئالغان كۇل بىلىگ قىدىرخاننىڭ بارىز ( ئارىسلانخان ) ئۇغۇلچاق ( قىدىرخان ياكى بۇغراخان ) دىگەن ئىككى ئۇغلى بۇلۇپ بۇ تۇغۇرلۇق پىرىستاك قاتارلىق بەزى ئالىملار بازىر ( ئارىسلانخان ) نىڭ بالاساغۇندا ئۇلۇغ خاقان سۇپىتى بىلەن ، ئۇغۇلچاق قادىرخان بۇغراخان نامى بىلەن تىراز ۋە كىيىن قەشقەردە ھۇكۇم سۇرگەن . مىلادىيە 893 - يىللىرى ئۇغۇلچاق بىلەن سامانىيلار خانلىقى ئۇتتۇرسىدا كۇپ قىتىم سۇقۇشلار بۇلۇپ ئۇتكەنىدى . مىلادىيە 893 - يىلى ئىسمايىل شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى تىرازنى ئىشخال قىلىپ ، خۇتۇن بالىلىرى بىلەن 15 مىڭ ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ئارىسلانخان مەركەزنى قەشقەرگە يۇتكەش بىلەن سامانىيلار خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۇرگەن سامانىيلار ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان ئۇغۇلچاق ، سامانىيلاردىن بىرىنى ئۇز پاناھىغا ئىلىشقا ھەركەتمۇ قىلغان ئىدى . ![]() سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار خاندىنلىقنىڭ خاقانى بۇلغاندىن باشلاپ ، قاراخانلىيلار خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان . بۇ دەۋېردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان . سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا ، خەلىقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، ئىلى ، بالاساغۇن ، بارسغان ( ئىسسىقكۇل ئەتراپى ) قاتارلىق جايلاردا ، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تىز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ ، بۇ رايۇنلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنىغا ئۇمۇملاشتى . بۇنىڭ بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ، تالاس شەھىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى ، 10 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسۇ بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ، ئىككى يۇزمىڭغا يىقىن تۇركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئۇيمانلىقىدا ئىسلام دىنى زۇر كۇچ بىلەن ئۇمۇملاشتى . بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۇزىنىڭ پايتىختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى . قاراخانيلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ماۋەئۇننەھر ، خۇراسا ، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پىشىۋالىرى ، دىن ئالىملىرى كەلدى . << مانا بۇ ئىسلام پىشىۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قۇيدى >> . ( پىرىتساكنىڭ < قاراخانىيلار > كىتابىدىن ئىلىندى ) سۇتۇق بۇغراخان دەۋرېدە ئۇنىڭ نامىغا قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دىگەن خەت قۇيۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لىنىنىگىراتتىكى مۇزېيدا ساقلانماقتا . سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بۇي سۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇىيغۇر خانلىقىغا قارشى زىر غازاتقا تەييەرلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۇزى ئىسلام قۇشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ، خۇتەنگە يۇرۇش قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان بۇ قىتىمقى يۇرۇشتە خۇتەن بۇددىسى ئۇيغۇرلىرىنى بۇسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن كۇچالارغا يۇرۇش قىلدى ۋە قەدىمدىن بىرى بىددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بۇلغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ . ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلغان بۇلسىمۇ ، ئاھالىنىڭ زۇر كۇپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بۇلماي بۇرۇنقى بۇددا دىنىغا ئىتقادىدا بۇلدى . سۇتۇق بۇغراخان خۇتەن ، كۇچالارنى بۇيسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى بۇيسۇندۇرۇش تاكتىكىسىدا ئاۋۋال مىلادىنىڭ 950 - يىللىرى شىمالى تەرەپتىن ئىلىغا ، جەبۇبىي تەرەپتىن قارا شەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۇنىلىشى بۇيچە قۇشۇن تەشكىللەپ ماڭدى . بۇ غازاتقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئۇغىلى ئەبۇ فەتتاھنى قۇماندان قىلدى . مىلادىيە 950 - يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قۇشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق ، داقا دۇمباق ئەلەملىرىنى كۇتۇرۇپ ، ھەيۋەتلىك قۇشۇن بىلەن شەرىققە يۇرۇش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇنى كۇچار ، كۇرلا ، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشخال قىلىپ ، تۇقسۇن يۇىلى بىلەن تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خۇجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قۇشۇن يۇتكەپ تەڭرىتاغ ئىغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى ، بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان قارا خاننىڭ چۇڭ ئۇغلى مۇسا تىكىن ( بايتاش ) نىڭ قۇماندانلىقىدا قارا شەھەرگە ۋاقتىنچە چىكىنىپ بۇ جايدا قۇشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى . بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زۇر چىقىمغا ئۇچۇردى . سۇتۇق بۇغراخان بۇددىسى ئۇيغۇرلار بىلەن بۇلغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ئۇغلى ئەبۇل فەتتاھ زۇر قۇماندانلىق بىلەن خىزمەت كۇرسەتكەنلىكى ئۇچۇن ، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا << ئالىپ تىكىن >> ( قەھىرمان شاھزادە ) دىگەن ئۇنۋاننى بەردى . ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى بۇددا دىنىدا قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقىغا بۇي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن . سۇتۇق بۇغراخان ئۇز دۇلىتىنىڭ شەرقى چىگراسى قىلىپ كۇچانى بىكىتتى مىلادىيە 954 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئىغىر كىسەلگە دۇچار بۇلغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تىكىنگە يەتكۇزۇلدى مۇسا تىكىن دەرھال قەشقەرگە قايىتتى . ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ، دىننىي ئالىم ، سىياسىيۇن ، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خاقانى بۇلۇپ ، مىلادىيە 955 - يىلى ئالەمدىن ئۇتتى . ئۇنىڭ جەستىنى ئاتۇشتىكى مەشھەتتە ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يىنىغا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئائىلە مازارى بۇلغان << گۇمبەز تۇل خاقانىيە >> ناملىق ھۇكۇمدارلار گۇمبىزىگە دەپنە قىلىنغان . ![]()
ئاتۇش دېگەن ئوبدان يۇرت ، دۈشەنبە بازارى بار . غېرىپلارنى قوللايدۇ ، ھەز سۇلتان مازارى بار...
ھەز سۇلتاندا تۇغ -ئەلەم ، قولىدا قىلىچ -قەلەم . يىغلىماڭلار ياش باللا ، ئۆتۈپ كېتىدۇ ئالەم .
سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى قىستۇرما : سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۇتكەندىن كىيىن چۇڭ ئۇغلى مۇسا ئىبىن ئابدۇكەرىم بۇغراخان ( تۇرۇكچە ئىسىمى بايتاش ) ئارسلان بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار تەختىدە ئۇلتۇردى ئۇ يەنىلا قەشقەرنى قاراخانىيلار پايتەختى قىلدى . ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايمان بالاساغۇندا تۇردى . مۇسا ئارسلان بۇغراخان ئۇتكۇر سىياسەتچىلەردىن بۇلۇپ ، كۇپ ئىقتىدارلىق ئالىم ئىدى . ئۇ قاراخانىيلارنىڭ تەختىگە چىققاندىن كىيىن بىر قەدەر مۇكەممەل بۇلغان دۇلەت مەمۇرىي تۇزۇمىنى بەرپا قىلىپ ، كۇپ قاتلاملىق ، كۇپ شەكىللىك ئىجدىمائىي تۇزۇمنى بىكىتتى . شەرق قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۇقۇقىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن ئۇلارغا مەلۇم مەمۇرىي ھۇقۇق بەردى . قاراخانىيلارنىڭ ئىجدقمائىي تۇزىمىدە مەمۇرىي تۇزۇمنى ئۇڭۇشلۇق يۇلغا قۇيۇش ئۇچۇن بىر قاتار قانۇن تۇزۇم ، نىزامنامىلەر تۇرغۇزۇلغان . مۇشۇ تۇزۇملەرنى تۇرغۇزۇپ ، قاراخانىيلار ھاكىميىتىنىڭ بالاساغۇن ۋە قەشقەردىكى مەركىزى ھۇكۇمەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەم دىننىي مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇپ ، ئىسلام دىنىنى زۇر كۇچ بىلەن كېڭەيتىكەن . خۇتەندىكى بۇددىسلارغا جىھات قىلىپ خۇتەننى ئىسلام دىنىغا كىرگۇزگەن . ئۇ ئالىپ تىكىن باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان قۇشۇننى تەشكىللەپ ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇستىدە يۇرۇش قىلىپ ئالدى بىلەن قارا شەھەرنى ئىشخال قىلغان . ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭلاق قاتارلىق رايۇنلارغا يۇرۇش قىلدى . قاراخانىيلار قۇشۇنى ئىلىنى ئىشخال قىلىپ ، بۇ جايدىكى ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى . بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى مىڭلاقتىن سۇرۇپ چىقىرىپ . ئۇ يەرلەرگە مۇسۇلمان تۇركلەرنى ئۇرۇنلاشتۇردى . دەل مۇشۇ مەزگىلدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى . قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى ئۇتتۇرسىدا شىددەتلىك جەڭ بۇلدى ئالىپ تىكىن قاتتىق جەڭلەردىن كىيىن قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ، قۇجۇنى ئىشخال قىلدى . قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماي ئۇزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قىلىپ ، ئىچكى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلارغا تەۋە بۇلدى . ئۇيغۇر تارىخي مەنبەلەردە قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۇچۇن قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بەشبالىقتا ئىلىپ بارغان بىر قىتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ ئۇغلى ئەبۇ فەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۇرسۇتۇپ شىھىت بۇلىدۇ . ئالىپ تىكىننىڭ مازىرى جەنۇبىي تاغ ئىتىكىدە بۇلۇپ ، ھازىرمۇ خەلىقلەر بۇ مازارنى << ئەل فەتتاھ غۇجام >> مازىرى دەپ ئاتايدۇ . تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|




