باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

موللا بىلال نازىمىي

يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-08 01:08 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
موللا بىلال نازىمىي Molla Bilal Nazimi ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۈنلەردە بولسۇن، يامان كۈنلەردە بولسۇن ئەدەبىيات، سەنئەتسىز ياشىغان ئەمەس. ئىلى ئ

 

موللا بىلال نازىمىي   Molla Bilal Nazimi  



 

 

ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۈنلەردە بولسۇن، يامان كۈنلەردە بولسۇن ئەدەبىيات، سەنئەتسىز ياشىغان ئەمەس. ئىلى ئىنقىلاۋى ۋە ئىلى سۇلتانلىغى دەۋرىدىمۇ، بىر گۇرۇھ ئەدىپلەر بىلەن سەنئەتكارلار يېتىشىپ چىققان ۋە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.
موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە 1864- يىلى ئىلىدىكى قوزغىلاڭ مىللىي - ئازاتلىق كۈرەشنىڭ قاتناشقۇچىسى.
ئىلى سۇلتانلىغى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئوردىدا موشۇ سۇلتانلىقنىڭ باش كاتىۋى بولغان. موللا بىلال 1825-1900 ياشىغان ۋە ئىجادىي پاالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ "بەيتۇللاھ" مەدرىسىسىدە ئوقۇپ، بىلىم ئالغان. ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ گۆزەل ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، شېىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپ، سۆيگۈ - مۇھەببەت ماۋزۇسىدىكىلىرىك شېىرلارنى يازغان.
تۇرمۇشتىكى سەلبىي ھادىسىلەرنى تەنقىت قىلىدىغان ھەجۋىي شېىرلارنىمۇ يېزىپ يۈرگەن.
كېيىنىرەك خەلىق ئىچىدىن چىققان رېال قەھرىمانلارنى پروتوتىپ قىلغان "نازۇگۇم"، "چاڭموزا يۈسۈپخان" كەبى داستانلارنى يازغان ئاخىرىدا 1864 - 1866 جىللىرى ئىلىدا بولۇپ ئۆتكەن مىللىي - ئازاتلىق قوزغىلاڭنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان "غازات دەر مۈلكى چىن" ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئېپىك داستاننى يازغان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنىڭ تىلى راۋان، ھىسسىياتى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ھەر جەھەتتىن خەلىققە يېقىن بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ غەزەللىرى بىلەن بېيىتلىرى كەڭ خەلىق ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەن. ۋەتەنپەرۋەر شائىر 1881 - 1882 - يىللاردىكى چوڭ كۆچ - كۆچ دەۋرىدە ئۆز يۇرتىدا قېلىشنى خالىغان ئېدى. كېيىن ئىلىنى ئۆتكۈزىۋالغان مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىلاجىسىز ئەھۋالدا يەركەنت تەۋەسىگە كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى جىللىرىنى ياركەنتتە ئۆتكۈزۈپ، 1900 جىلى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر