![]() |
![]() |
چۆچۈرة قاينايدۇ
![]() بالىلار دۈگلةك بولۇپ تىزىلىدۇ. ئارىدىن يېشى چوڭراق بىرسى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ-دة، چۆچۈرة تۈگۈش ھةركىتىنى قىلىدۇ. ئةتراپتا دۈگلةك بولۇپ تۇرغان بالىلار ئۇنى ئايلىنىپ قوشاق ئېيتىدۇ:
چۆچۈرة قاينايدۇ،
ئانىكام بةرمةيدۇ.
بةرمىسة بةرمىسۇن ،
ئىشىكنى تاقاپ يىسۇن.
ئالقانلىرىم بار،
پىيازلىرىم بار.
ئاق تامدا،
كۆك تامدا،
زىلةيخانىڭ بېغىدا،
بىر تال ئالۇچا.
ئالۇچىغا قونۇپتۇ،
بىر توپ سۇڭگۈلچا.
سۇڭگۈلچانىڭ پۇتلىرى
بوغۇم- بوغۇمكةن.
بويۇنلىرى ئالىبالداق،
تۇغۇم- تۇغۇمكةن.
بالىلار قوشاقنى ئېيتىپ بولۇپ، گۈررىدة ئانىنىڭ قېشىغا يىغىلىدۇ-دة:
-چۆچۈرة پىشتىمۇ؟- دةپ سورايدۇ. ئانا:
-پىشتى، مةن ئاچچىقسۇ ئةكىلةي،- دةپ ماڭىدۇ.
بالىلار ئانا كېتىشىگىلا ئانىنىڭ چۆچۈرىسىنى يةۋالىدۇ. ئانا بىر دةمدىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ-دة، بالىلارنى قوغلايدۇ. بالىلار پىتىراپ قاچىدۇ ئانا ھةممىسىنى بىر-بىرلةپ تۇتۇپ: ‹‹سةن قانچة چۆچۈرة يىدىڭ؟›› دةپ سورايدۇ.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|




