پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ 24 سائ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-16 19:14 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت ئەھۋالى سائەت 1:00 دە ئادەم سەزگۈر ئۇيقۇ ھالىتى (ئۇيقۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى) گە كىرىدۇ. ب

ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت ئەھۋالى



سائەت 1:00 دە ئادەم سەزگۈر ئۇيقۇ ھالىتى (ئۇيقۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى) گە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاغرىشقا بولغان سېزىمى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ ھەمدە ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ.
سائەت 2:00 دە ئادەم بەدىنىدىكى زور كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ئەڭ ئاستا ھالەتتە بولىدۇ، ئەمما جىگەرنىڭ خىزمىتى جىددىي ھالەتكە كىرىپ، زەھەر تازىلايدۇ.
سائەت 3:00 تە پۈتكۈل بەدەن دەم ئېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ، مۇسكۇللار تولۇق بوشىشىدۇ.
سائەت 4:00 تە قان بېسىمى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىش مىقدارى ئاز بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ياشانغانلاردا مېڭە، قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى      يۇقىرى بولىدۇ.
سائەت 5:00 تە ئۇخلاش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرسا مۇۋاپىق بولۇپ، ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
سائەت 6:00 دە ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەشكە، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىشكە باشلايدۇ.
سائەت 7:00 دە ئادەمنىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەشكە باشلايدۇ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.
سائەت 8:00 دە تېرە زەھەرلىك ماددىلارنى ئاساسەن ئاجرىتىپ چىقىرىپ بولىدۇ. جىنسىي ھورمۇننىڭ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كېلىدۇ.
سائەت 9:00 دا تېرىنىڭ ئاغرىشقا بولغان سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، بۇ چاغدا ئوكۇل ئۇرۇپ داۋالىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
سائەت 10:00دا ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
سائەت 11:00 دە ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، چارچاش ھېس قىلمايدۇ.
سائەت 12:00 دە ئادەم يېرىم كۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن بەلگىلىك ئارام ئېلىشى زۆرۈر بولىدۇ.
سائەت 13:00تە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەينىڭ خىزمىتى جىددىي ھالەتكە كىرىدۇ. تاماق يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ چاغدا ئادەم سەل چارچاش ھېس قىلىدۇ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشى زۆرۈر.
سائەت 14:00 تە ئادەمنىڭ غىدىقلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، پۈتكۈل بەدەننىڭ ئىنكاسى ئاستىلايدۇ.
سائەت 15:00 تە تەن تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدۇ. خىزمەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
سائەت 16:00 دە قان قەنتى ئۆرلەيدۇ.
سائەت 17:00 دە ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كىرىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
سائەت 18:00 دە ئادەمنىڭ ئاغرىشقا بولغان سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ.
سائەت 19:00 دا قان بېسىمى سەل ئۆرلەيدۇ، كەيپىياتى ئاسانلا تۇراقسىزلىشىدۇ.
سائەت 20:00 دە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ تېز بولىدۇ.
سائەت 21:00 دە نېرۋا سىستېمىسى ئەڭ جانلىق ھالەتكە كىرىدۇ، ئۆگىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
سائەت 22:00 دە نەپەسلىنىش ئاستىلاشقا باشلايدۇ. تەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.
سائەت 23:00 تە ئورگانىزملار ئارام ئېلىش ھالىتىگە كىرىپ، بىر كۈندىكى چارچاش تۈگەشكە باشلايدۇ.
سائەت 00:0 دە ئادەم ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىدۇ. تەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
ئەلۋەتتە ، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساپاسى ، كەيپىياتى ، تۇرمۇش ئادىتى ، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تەڭشىشى ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ  رېتىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر كىشى يۇقىرىدىكى ئادەم بەدىنىنىڭ خىزمەت پائالىيىتىگە ئاساسلىنىپ ھەمدە ئۆزىنى بىر مەزگىل كۆزىتىپ، بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ رېتىمىنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»دىن ئېلىندى     

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر