كىچىك بالىلار ئۇخلىغاندا ، كىيىم يوتقاننىڭ رولىنى ئۆتىسە بولامدۇ ؟ بەزى ئاتا –ئانىلار بوۋاققا سوغۇق ئۆتۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، دائىم بالىسىغا يۇڭ پوپايكا ، پاختىلىق جىلىتكە قاتارلىقلارنى كىيگۈزۈپ ئۇخلىتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا بولۇپلا قالماي ، يەنە بوۋاققا زىيانلىق . ئادەتتە ، ئادەم ئۇخلىغاندا مۇسكۇلنىڭ بوشىشى ئەڭ روشەن بولىدۇ . ئالدى بىلەن كۆز ۋە يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشى بىلەن كۆز يۇمۇلىدۇ ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، پۇت – قول ، گەۋدە مۇسكۇللىرى تەبئىي ھالدا بوشاشقا باشلايدۇ . قانچە ئۇيقۇغا كەتكەنسېرى پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشى شۇنچە مۇكەممەل بولىدۇ . ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بوۋاققا كىيىمنى بەك قېلىن كىيگۈزىۋەتكەندە ، بالىنىڭ گەۋدىسىنى ئورىۋالىدۇ –دە ، قان ئايلىنىشى ئاستىلاپ ، نەپەس ئېلىشى راۋان بولمايدۇ ، يەنە ئاسان چۈش كۆرىدۇ ، ئويغانغاندا بولسا ئىچى سىقىلىش ھېس قىلىدۇ . بۇ خۇددى چوڭلار ئۇخلىغاندا ئىككى قولىنى مەيدىسىگە قويۇۋالغاندا ، يۈرەكنى ، ئۆپكىنى ، قان تومۇرلارنى بېسىۋېلىش بىلەن قارا بېسىش ، نەپەس توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىش ، يەنە ۋارقىراپ جۆيلۈش ئويغانغاندا بولسا قارا تەرگە چۆمۈش ، ئىچى سىقىلىش ، قورقۇش ئالامەتلىرى بولغانغا ئوخشايدۇ . ئەگەر كىيىم يوتقاننىڭ رولىنى ئۆتىگەندە ، بالا ناھايتى ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا بوۋاقنى ئۇخلىتىشتىن بۇرۇن ئامال بار نېپىزراق كىيىم كىيدۈرۈپ ئۇخلىتىش لازىم . ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|

