پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-12 08:08 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىنىڭ چوڭ تەرىتى سارغۇچ ياكى سېرىق رەڭدە بولۇپ ، سېسىق پۇراق چ

بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش

 

 
    ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىنىڭ چوڭ تەرىتى سارغۇچ ياكى سېرىق رەڭدە بولۇپ ، سېسىق پۇراق چىقمايدۇ . كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ، چىش پاستىسى ھالىتىدە كېلىدۇ . كالا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكى بىلەن باققان بالىنىڭ چوڭ تەرىتى سۇس سېرىق ھەم ئازراق سېسىق بولۇپ ، ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىنىڭ كۈنىگە بىر – ئىككى قېتىم كېلىدۇ ، لېكىن قاتتىق ، مىقدارى كۆپ بولىدۇ . چوڭ تەرەتنىڭ نورمالسىزلىقى تۆۋەندىكى  ئەھۋاللاردا كۆرۈلىدۇ :
1 . بالا چوڭ تەرەت قىلغاندا چىڭقىلىپ يىغلىسا ، تەرىتى قۇرغاق ، قاتتىق ھەم ئاز بولسا قەۋزىيەت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
  2 . چوڭ تەرەتنىڭ مىقدارى ئاز ، ئەمما قېتىم سانى كۆپ يەنى كۈنىگە 10 – 20 قېتىم كەلسە ، شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ، بالا قىزىسا ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان بولىدۇ .
  3 . چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ ، رەڭگى سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل ، پۇرىقى سېسىقراق ، شىلىمشىق ، ياكى كۆپۈك شەكىلىدە بولسا ، بالىغا سوغۇق ئۆتكەن – ئۆتمىگەنلىكى ياكى ھەزىم قىلىشىنىڭ بۇزۇلغان – بۇزۇلمىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك .
  4 .چوڭ تەرەت قان ئارىلاش ، شىلىمشىق ، مېۋە شىرنىسىگە ئوخشاش ھالەتتە كەلسە ، ئۈچىيىنىڭ كىرىشىپ ئوخشاش ھالەتتە كەلسە ، ئۈچىيىنىڭ كىرىشىپ قېلىشىغا دىققەت قىلىش لازىم . چوڭ تەرەت قان – يىرىڭ ئارىلاش كەلسە ، تولغاقتىن گۇمانلىنىش قىزىل رەڭلىك پۇرچاق شورپىسىغا ئوخشاش كەلسە ، نېكروزلۇق ئىنچىكە ئۈچەي بوغماق ئۈچەي ياللۇغى دەپ ئويلاش كېرەك . ئەگەر چوڭ تەرەتتىن كېيىن بىر قانچە تامچە قان كەلسە ، مەقئەت ئېغىزى يېرىلغان ياكى تۈز ئۈچەيدىكى مۇنچاق گۆش دەپ قاراش كېرەك .
  5 . ئۈچەي يولى ئىچى – سىرتى يۇقۇملانغاندا زەھەر غىدىقلاش رولىنى ئويناپ ، ئۈچەي ھەرىكىتى كۈچىيىدۇ . بۇ ۋاقىتتا چوڭ تەرەت يېشىل رەڭدە كېلىدۇ . بۇنى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تامامەن پارچىلىنىپ بولمىغانلىقى ياكى قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تامامەن پارچىلىنىپ بولمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
  6 . چوڭ تەرەتنىڭ رەڭگى دېڭىز سۈيىدەك كۆك رەڭدە كەلسە ، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىنىڭ چوڭ تەرەتتە ئىپادىلىنىشى بولىدۇ .
  7 . ئاق رەڭلىك چوڭ تەرەت زەمبۇرۇغلۇق ئۈچەي ياللۇغىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋغاي ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۈت بولىدۇ . ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىغاندا ، چوڭ تەرەت ئۇيۇپ قالغان سۈتكە ، تۇغما خاراكتېرلىك ئۆت يولى توسۇشتا چوڭ تەرەت ئاق رەڭلىك ساپال لېيىغا ئوخشايدۇ . يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى بولغاندا چوڭ تەرەت كۆكۈچ رەڭدە بولىدۇ .
  8 . قارا رەڭلىك ياكى قارامايغا ئوخشاش چوڭ تەرەت يۇقىرى ھەزىم يولى قانىغانلىقى ياكى قانلىق ماددىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار دورىلارنى ئىستېمال قىلسىمۇ تەرەت قارا كېلىدۇ .
  ‹‹پەن ۋە تۇرمۇش ››ژورنىلىدىن ئېلىندى
 
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر