ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ![]() نۇرغۇن ياش ئانىلار بالىنى ھەر نۆۋەتلىك ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمىگەچكە ، بالا ئېمىتكەندە ئېمىتىش ۋاقتىنى يا قىسقا ، يا ئۇزۇن قىلىۋالىدۇ . ئەگەر ئېمىتىش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالسا بالىنىڭ قورسىقى تويماي ، ياتقۇزۇپ بولغىچىلا يىغلاپ كېتىدۇ . بۇ خىل ھالەت ئۇزىراپ كەتسە بالىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . يەنە بىرى ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىشى بولۇپ ، بۇنىڭدىن تۆۋەندىكىدەك ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ : بالىنىڭ بىر قېتىملىق ئەمگەن سۈتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ، بالا ئانىنى ئېمىشكە باشلىغان ۋاقتىدا ئانا سۈتىنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى ، ماي مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ . ئېمىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ماي مىقدارى يۇقىرىلاپ ، ئاقسىل مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ . شۇڭا ئېمىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە بالىنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ماي مىقدارىمۇ كۆپ بولۇپ ، بالىدا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر سۈتنى ئېمىپ بولۇپ ، قۇرۇق شوراپ سالسا ھاۋانى سۈمۈرىۋالىدۇ – دە ، بالا قۇسۇۋېتىدۇ . ئۇنداقتا ھەر قېتىملىق بالا ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ ؟ ئادەتتە ھەر قېتىملىق بالا ئېمىتىش ۋاقتى 10 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . دەسلەپكى ئىككى مىنۇتتا بالا سۈتنىڭ %50 ىنى قوبۇل قىلالايدۇ . كېيىنكى تۆت مىنۇتتا 80 – 90 پىرسەنتىنى قوبۇل قىلالايدۇ . يەنە بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بولسا ئاساسەن قوبۇل قىلالمايدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ئېمىتىش ۋقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دېگەن قاراش ئانچە توغرا بولماي قالىدۇ . ئوزۇقلۇق قىممىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، بالا ئېمىتىش ۋاقتى تۆت مىنۇت بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ . لېكىن كېيىنكى بەش مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئارتۇقچە دەپ قارىماسلىق كېرەك . چۈنكى بۇ ۋاقىت سۈت كەلتۈرىدىغان ھورمۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە ئانا – بالىلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ . ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى ››ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
|


