پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-12 07:35 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچە يېمەكـلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىلىدۇ؟ 12 ئايلىق بوۋاقلارغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەي

12  ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچە يېمەكـلىكلەرنى

تەييارلاپ بېرىلىدۇ؟

 

12 ئايلىق بوۋاقلارغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكە بولىدۇ:
    1. شىرنىلىك تۇخۇم ئۇيۇتمىسى. توخۇ تۇخۇمىدىن بىرنى قاچىغا چېقىپ، ئازراق سۇ ۋە تۇز بىلەن تەڭشەپ، دۈملەپ پىشۇرىمىز. ئىككى - ئۈچ دانە تازىلانغان يېڭى راكنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ چاناپ قىيما قىلىپ، قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن راك قىيمىسى، كۆكتات قىيمىسى ۋە ئازراق تۇز سېلىپ پىشۇرغاندىن كېيىن كراخمال قوشۇپ تەڭشەپ ئارىلاشتۇرۇپ شىرنە ياسايمىز ئاندىن تەييارلاپ قويۇلغان كۆكتات شىرنىسىنى دۈملەنگەن تۇخۇم ئۇيۇتمىسى ئۈستىگە قۇيۇپ، بىر نەچچە تامچە كۈنجۈت يېغى قۇيۇۋەتسەك بولىدۇ.
    2. پۇرچاق سۈتى تورتى. ئۇندىن سەككىز گرام، قوناق ئۇنىدىن ئالتە گرام، سېرىق پۇرچاق ئۇنىدىن ئىككى گرام، پۈتۈن ياغلىق ئۇندىن بەش گرام ئېلىپ ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ ئارىلاشما ئۇن تەييارلىۋالىمىز؛ بىر دانە تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ، ئازراق ئاق شېكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئارىلاشما ئۇننى تەييارلىغان تۇخۇم شىرنىسىگە تۆكۈش بىلەن بىللە ئىككىسى تەكشى ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن داكا يېيىتىلغان ياغاچ قاسقان ئۈستىگە تۆكۈپ ھەمدە ئۈستىگە كۈنجۈت قىيمىسىدىن تەكشى چېچىپ 15 ~ 20 مىنۇت دۈملىسەك بولىدۇ.
    3. بېلىق گۆشى تائامى. بېلىق گۆشىدىن 50 گرام ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، چىنىگە سېلىپ ئازراق سوقۇلغان كاۋاۋىچىن، پىياز قىيمىسى، تۇز، ئاق شېكەر ۋە سېرىق ھاراق قوشۇپ، دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن بېلىق گۆشىنى ئېزىۋېتىمىز. قازانغا ئازراق ئۆسۈملۈك مېيى قۇيۇپ، ئېزىلگەن بېلىق گۆشىنى قازانغا سېلىش بىلەن بىللە توختىماي ئۆرۈپ قورۇپ ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزۈۋېلىپ ھەمدە يۇمشاق ھالەتكە كەلتۈرسەك بولىدۇ.
    12 ئايلىق بوۋاقلارغا تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى تاماق تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:
    00:8 بولكا، تورت، كالا سۈتى ياكى پۇرچاق سۈتى.
    00:12 گۈرۈچ تامىقى، توخۇ تۇخۇمى، گۆش تۈرىدىكىلەر، كۆكتات.
    00:15 پېچىنە، موما پارچىسى ھەمدە مېۋە.
    00:18 گۈرۈچ تامىقى، يۇمشاق گۆش، كۆكتات ھەمدە شورپا.
    00:21 ئانا سۈتى.
    ھەرخىل كۆكتات، دۇفۇ قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى بارا - بارا كۆپەيتىلسە، بوۋاققا مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ تۇرسا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئىستاكان بىلەن قايناق سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(5)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر