ياش پەرقى ۋە بالىلارنىڭ خاراكتېرىئاۋىستىرىيىلىك بىر نېرۋا تەھلىلشۇناس بىر ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ياش پەرقى ئادەم خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قارىغان. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
ئامېرىكىلىق پسىخولوگىيە ئالىمى گېرمانىيىلىك دوختۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئائىلىلەردە تۇغۇلغان، ئەمما تەڭتۇش بولغان بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئورتاقلىق بارلىقىنى ئىسپاتلىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا: تۇنچى بالىنىڭ كۆپ ساندىىكىلىرى ئىنتىلىشچان بولۇپ، ئىشەنچىلىك، ئەمگەكچان، ئىشقا پۇختا كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كەسپچانلىق ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار يەنە تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىك، باش قېتىمچىلىققا سەزگۈر كېلىدۇ، ئەمما ئاسان خۇيلىنىدۇ، خەتەرلىك ياكى قارام ھەرىكەتلەرنى قىلمايدۇ. ئوتتۇرانچى بالىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى كېلىشتۈرمىچى بولىدۇ. تۇرمۇشتا چېچىلاڭغۇراق بولسىمۇ، ئوچۇق - يورۇق، ئۇمىدۋار كېلىدۇ. قىرىنداشلىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەركىن - ئازادە تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بالىنىڭ كەنجىسى يۈرەكسىزرەك بولۇپ، دوست تۇتۇشنى ئانچە بىلمەيدۇ. يالغۇز پەرزەنتلەردە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدە زىددىيەتلىك ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ. كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردىكى بالىلارغا قارىغاندا شەخسىيەتچىرەك، چىدامسىز، ئاجىز، شۆھرەتپەرەس بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ.
|

