پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-24 20:44 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى 1. دادا بالىغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرۈپ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى، بالىغا ھەر جەھەتتىن غە

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

 

مەزكۇر ماقالىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى DOC بولغان WORD ھۆججىتىنى ساقلىۋىلىڭ.

 

 
ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى
 
 
1. دادا بالىغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرۈپ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى، بالىغا ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى يىتەكلىشى لازىم.

2. بالا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىشى لازىم. بۇ دادىنىڭ بالا قەلبىدىكى ئورنىنى يۇقىرلىتىپلا قالماستىن، بەلكى بالىنىڭ تەپەككۈرىنى بېيىتىدۇ.

3. ئايالى بالىغا تەربىيە بەرگەندە، گەرچە ئۇسۇلى خاتا بولسىمۇ،بالىنىڭ ئالدىدا ئايالىنى تەنقىدلىمەسلىكى لازىم. دادا ئۆزىنى يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇپ، ئايالىنى كەمسىتمەسلىكى، ئانىنىڭ بالا قەلبىدىكى ئورنىغا داغ تەككۈزمەسلىكى لازىم.

4. دادا ئۆزىنىڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن بالىلىرىغا ئۈلگە بولىشى لازىم.

5. بالا ئالدىدا خىزمەتداشلىرىنىڭ كەمچىلىكىنى سۆزلىمەسلىكى،خىزمەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكتىن كەلگەن ئاچچىقىنى ئائىلىدىن ياكى بالىدىن چىقارماسلىقى لازىم.

6. بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، خاتىرە كۈنلىرىدە سوۋغات ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم.

7. بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا پارچە پۇل بېرىپ، بالىنىڭ توغرا، مۇستەقىل خەجلەپ بېقىشىغا قويۇپ بېرىشى لازىم.

8. دادا ئائىلىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە ئۆگۈنىدىغان ياخشى مۇھىتنى يارىتىشى، ئائىلىدە كىچىك كۈتۈپخانا تەسىس قىلىشى لازىم.

9.بالىنى قىزىقىشىغا يارىشا يېتەكلىشى، ئۆز خاھىشىنى، كۆز قارىشىنى بالىغا تاڭماسلىقى لازىم.

10. بالىنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك ياشاشقا ئىلھاملاندۇرىشى لازىم.

مەنبە : تېلىۋېزىيە گېزىتى  

 

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر