پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلىرىمىزغا مۇستەقىل ياشاش پۇر

يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-08 04:28 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلىرىمىزغا مۇستەقىل ياشاش پۇرسىتى بېرەيلى قايسى بىر دانىشمەن:بالىلار خۇددى ئاتا- ئانىنىڭ قولىدىكى لەگلەككە ئوخشايدۇ، لەگلەكنىڭ

 بالىلىرىمىزغا مۇستەقىل ياشاش پۇرسىتى بېرەيلى

 
 
   
   
 قايسى بىر دانىشمەن:‹‹بالىلار خۇددى ئاتا- ئانىنىڭ قولىدىكى لەگلەككە ئوخشايدۇ، لەگلەكنىڭ يىپىنى قانچە ئۇزۇن قويۇپ بەرسە، شۇنچە ئىگىز، شۇنچە يىراققا ئۇچىدۇ، قولۇڭلاردىكى لەگلەكنىڭ يىپىنى ئەركىن قويۇۋېتىڭلار، ئۇزاققا بارمايلا بالىلىرىڭلارنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ھېس قىلىسىلەر›› دېگەنىكەن. ھەممىمىز بالىلىرىمىزنىڭ ياراملىق، مەزموت، روھىي ۋە جىسمانىيىتى ساغلام ئادەم بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز، شۇ ئارزۇيىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغىنىنى ئويلىساق، خۇشاللىق ۋە ھاياجاندىن كۆزىمىزگە لىققىدە ياش كېلىدۇ، بىزنى تەقەززا قىلغان شۇ مەنزىلگە قانداق يېتىمىز؟
1، كۆيۈنۈشنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ، بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆزىمىز قىلىپ بەرمەيلى ۋە ئۆز ئىشىغا ھەدېسىلا ئارىلىشىۋالمايلى. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بالىلار ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي چېنىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاتا- ئانىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بوران- چاپقۇنغا ئۇچرىمىغان، ھېچقانداق ئىش كۆرمىگەن بالىلارنىڭ تالانتىنى ئىشقا سېلىشىدىن، يىراقلارغا قانات قېقىپ ئۇچۇشىدىن ئۈمىد كۈتمىسەكمۇ بولىدۇ.
2. بالىلىرىمىز بىرەر قىيىن مەسىلىگە يولۇقسا، ئۆزىنىڭ ھەل قىلىشىغا قويۇپ بېرەيلى. بۇ، بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، ھاياتنى چۈشىنىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
3. بالىلارنى ‹‹ھۆرمەتلەش›› بىلەن ‹‹باراۋەرلىك›› نى ماس قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرايلى. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار بىلەن سىردىشايلى. شۇ چاغدىلا بالىلاردا ئىشەنچ، دوستلۇق ئۇرۇقى بىخلىنىدۇ-دە، ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەش روھىغا ئىگە بولىدۇ. نەتىجىدە مۇستەقىللىق خاراكتېرى ئاستا- ئاستا كۈچىيىپ، ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان بولىدۇ.
4. بالىلىرىمىزغا ئەركىن چېنىقىش، پىشىش پۇرسىتى بېرەيلى. بالىلار ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى مۇستەقىل قىلغاندا ئۆزىدە ئىشەنچ، ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. ئۆز ئەمگەك مېۋىسىدىن شادلىنىدۇ. بۇ خىل روھىي كەڭلىك ئۇلاردا جاپالىق ئىزدىنىش روھىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
5. بالىلىرىمىزدا مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەت مۇھىتىدا باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇلار باشقىلار بىلەن ئارىلاشسۇن، دوستلۇق ئورناتسۇن، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ شاماللىرىدا روھىنى چېنىقتۇرسۇن، خاتالىق، مەغلۇبىيەتكە دادىل يۈزلەنسۇن! ئۇلاردا ساغلام تەن، ساغلام پىسخىكىلىق خاراكتېر يېتىلسۇن!
قىسقىسى، بالىلار ئۆزى ماڭسۇن، ئۆزى چېنىقسۇن، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرسۇن، ئۆزى جاۋاب تاپسۇن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتسۇن،ئۆزى مۇھاكىمە قىلسۇن، ئۆزى تاللىسۇن، ئۆزى ئىجاد قىلسۇن! شۇندىلا بالىلارنىڭ ئىجادكارلىق روھى پەيدا بولىدۇ-دە، ئۆز ئىشىنى ئۆزى مۇستەقىل قىلالايدىغان پاراسەت ۋە پەزىلەت يېتىلىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ژورنىلى

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر