بالىڭىزنىڭ نەزىرىدەسىز قانداق ئاتا-ئانا؟بالىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن باھاسىنى بىلەمسىز؟ يېقىندا جۇڭگو ياش – ئۆسمۈرلەر تەتىقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى تەكشۈرۈپ مۇنداق جاۋابقا ئېرىشكەن: ئاتا-ئانام باشقىلارنىڭ بالىسىنى ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ دەيدىغانلار 54.8پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام ئۆگىنىش نەتىجەمگە كۆڭۈل بولىدۇ دەيدىغانلار 40پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام مەن ئۇچۇن ئورۇنلاشتۇرغان ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى جۈملىدىن پىئانىنو، ئىنگىلىزتىلى، كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشنى خالىمايمەن دەيدىغانلار 37.8پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام دوست تۇتۇشقا قوشۇلمايدۇ دەيدىغانلار 20.8پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام ھەمىشە مېنى ئەيىبلەيدۇ دەيدىغانلار 17.4پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام ھەمىشە شەخسى مەنپەتىمگە دەخلى –تەرز قىلىدۇ دەيدىغانلار 15پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام مېنى ھەمىشە ئىززەتلىمەيدۇ دەيدىغانلار 14.7پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام ھەمىشە ماڭا تەھدىت سالىدۇ دەيدىغانلار 6.5پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام ھەمىشە مېنى ئۇرىدۇ دەيدىغانلار 9.6پىرسەنىتنى ئىگىلىگەن. بۇلار بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن نارازى بولغان تەرەپلىرى، ئۇنداقتا رازى بولىدىغان تەرەپلىرى قايسىلار؟ ئاتا-ئانام ماڭا ئامراق دەيدىغانلار 89.3پىرسەنىتنى، دادام ماڭا بەك ئامراق دەيدىغانلار 81.9پىرسەنىتنى، ئانام مېنى دائىم رىغبەتلەندۈرىدۇ دەيدىغانلار 56.9 پىرسەنىتنى، دادام دائىم رىغبەتلەندۈرىدۇ دەيدىغانلار 54.1پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام ماڭا بەك ئىشىنىدۇ دەيدىغانلار 54.8پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام مېنى بەك چۇشىنىدۇ دەيدىغانلار 48.2 پىرسەنىتنى، ئاتا-ئانام مەندىن بەك پەخىرلىنىدۇ دەيدىغانلار 36.6پىرسەنىتنى ئىگىلىگەن. قارىغاندا بالىغا ئامراقلىق قىلىشلا كۇپايە قىلمىسىلا كېرەك. “شىنجاڭ ئۆسمۇرلىرى»گىزىتىنىڭ 2008-يىل 7-،8-ئايلىق يىغىندا سانىدىن ئىلىندى
|

