پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بىر ئانىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوغل

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-11 21:47 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىر ئانىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوغلىغا يازغان خېتى جېنىم قوزام: بۈگۈن كېچە دادڭ بىلەن ئىككىمىز زادىلا ئۇخلىيالمىدۇق،يېرىم كېچىدىلا ئ

 

بىر ئانىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوغلىغا يازغان خېتى 

 

                      جېنىم قوزام:
      بۈگۈن كېچە دادڭ بىلەن ئىككىمىز زادىلا ئۇخلىيالمىدۇق،يېرىم كېچىدىلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بۇ خەتنى ساڭا يازدۇق.سەن ئاۋالقى قېتىم تېلىفۇن ئۇرۇپ1600يۈئەن تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىپ بېرىشنى ئېيتقاندىن بۇيان مانا 57 كۈن بولدى، بىرەر قېتىم تېلىفۇن قىلمىدىڭ،خەتمۇ يازمىدىڭ.
      داداڭ بىلەن ئىككىمىز سېنىڭ ئەھۋالىڭنى بىلەلمەي قاتتىق ئەنسىرەپ قالدۇق،تېنىڭ سالامەتمۇ؟مەكتەپ ھاياتىغا كۆنۈپ قالدىڭمۇ؟
      داداڭ بىلەن ئىككىمىز  سېنىڭ ئالدىراشلىقىڭنى ئوبدان بىلىمىز.بۇ يىل تېخى قىز دوست تېپىۋاپسەن،كۈندە تورخانىغا كىرىپ تورغا چىقىدىكەنسەن.ئەلۋەتتە،بىزگە تېلىفۇن قىلىپ ھال-ئەھۋالىڭنى ئېتقۇدەك ۋاقتىڭ چىقمايدۇ.شۇڭا بىز قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق  بىر جەدۋەل تۈزەپ ساڭا ئەۋەتتۇق.ئەگەر بىزگە خەت يازىدىغان بوش ۋاقتىڭ بولمىسا،بۇ جەدىۋەلنى تولدۇرۇپلا ئەۋەتسەڭ بولىدۇ.بىزمۇ سەندىن خاتىرجەم بولىمىز.
    سالامەتلىكىم:ياخشى(    )،زۇكام بولۇپ قالدىم(  )،باشقىلار(  ).
    تامىقىم:ياخشى(  )،ئادەتتىكىدەك(  )،ياخشى ئەمەس(  ).
    ئۇيقۇم:يېتەرلىك(  )،ئادەتتىكىدەك(  )،ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى بولۇپ قالدىم(  ).
    قىز دوستۇم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم:ياخشى(  )،بوپ قالىدۇ(  )،ئازارلىشىپ قالدۇق(  ).
    ساۋاقداشلىرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم:ئىتتىپاق(  )،ئادەتتىكىدەك(  )،بەزىدە تاكاللىشىپ قالىمەن(  ).
    تورغا چىقىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىم(ھەر كۈنى):8سائەت(  )،6سائەت(  )،4سائەت(  ).
    ئاتا-ئانامنى: سېغىندىم(  ).
    جېنىم قوزام!سەن بۇ جەدىۋەلنى ئەۋەتىدىغان چاغدا پەقەت بىر نۇسخا باستۇرۇپ،بوش ئورۇنلارغا، ئۆزەڭنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان جايغا بەلگە ئۇرۇپ قويساڭلا بولىدۇ.ئەڭ ئاخىرقى ئاتا-ئانامنى دېگەن يەرگە پەقەت«سېغىندىم»دېگەن بىرلا تاللاشنى يېزىپ قويدۇق،قاتتىق قوللىقىمىزنى كەچۈرگەيسەن.
    ئەگەر سېنىڭ كۆپەيتىپ باستۇرۇشقا ۋاقتىڭ چىقمىسا دادڭ ساڭا بىر نەچچە نۇسخا باستۇرۇپ ئەۋەتىپ بەرسۇن.ساڭا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن پوچتا ماركىسىنىمۇ ئەۋەتتۇق ھەم كونۋېرتلارنىڭ ئۈستى ئادرسلارنىمۇ يېزىپ قويدۇق،مۇنداق قىلساق ساڭا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت تېجەپ بېرىمىز ئەمەسمۇ.
    ھاۋا سوۋۇپ قالدى،سالامەتلىكىڭگە قاتتىق دىققەت قىل!
    سېنىڭدىن ھەر ۋاقىت ئەنسىرەپ:ئاتا-ئاناڭدىن
   
مەنبە:سەرخىل فېليەتونلار»ژۇرنىلى

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر