![]() |
![]() |
تەن جازاسىنى توختىتىڭ!ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى تەرجىمىسى بەزى ئاتا - ئانىلار ھەمىشە تىللاش ۋە تەن جازاسى بېرىش شەكلى بىلەن بالىغا گەپ ئاڭلىتىدۇ. بالىغا تاپا - تەنە قىلىدىغان، ھەتتا ئۇرۇپ - تىللايدىغان بۇنداق قىلمىش ئاتا - ئانىنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسى بىلەن قارىمۇ قارشىدۇر. كەينىگە نەزەر تاشلاپ، تەربىيلەش شەكلى ۋە بالا بىلەن ئالاقە قىلىش شەكلىدىكى خاتالىقلار ھەققىدە پىكىر قىلىپ كۆرۈش، بالىنى بىر مۇستەقىل ئوبيېكت، ئوي - پىكىرلىك ئادەم دەپ قاراپ ئادىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ھەقىقەتەن نۇرغۇن بالىلار گەپ ئاڭلىماي ئاتا - ئانىسىنى تېرىكتۈرىدۇ. شۇڭا، « تاياق بىلەن ياخشى ئادەم تەربىيىلەپ چىققىلى بولىدۇ » ، « ئۇرۇپ تۇرمىسا ئادەم بولمايدۇ » ، « ئۈچ ئېغىز ياخشى گەپ قىلغاندىن كۆرە ئىككى قامچا ئۇرۇش كېرەك » دېگەندەك سۆزلەر پەيدا بولغان. كىچىك ۋاقتىمدا دادام ھەر قېتىم ئۇرۇش ئۈچۈن قامچىسىنى ئېگىز كۆتۈرگەندە « سېنى مەقسەتلىك ئۇرىمەنمۇ ياكى مەقسەتسىزلا ئۇرىمەنمۇ ؟ » دەيتتى. شۇنداق، ئاتا - ئانا بالىغا مەقسەتلىك ھالدا تەن جازاسى بېرىدۇ. نەدىمۇ سەۋەپسىز ئىش بولسۇن، بۇ ئەلۋەتتە بالىنىڭ ياخشى ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر. ئەمما بىز بىلىمىز، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولىۋەرمەيدۇ. بەزى بالىلار ئاتا - ئانىسى قايتا - قايتا جېكىلىمىسىمۇ « بىر قاراپلا مەقسەتنى چۈشىنىپ » بولغاچقا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن بالىلار « گەپ ئاڭلىمايدۇ »، ئاتا - ئانىسى سۆزلەپ ئېغىزى قۇرۇپ كەتسىمۇ ئۇلار ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدۇ. « ئۇ قۇلىقىدىن كىرىپ بۇ قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ »، قانچە سۆزلىسىمۇ كار قىلمايدۇ، تېخىمۇ ئېغىرراقى بالا بىر مۇنچە قالايمىقانچىلىق تېرىۋېتىدۇ. ئاتا - ئانىسى ئۇرۇپ - تىللىسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئاتا - ئانا بولماق تەس. بەزىلەر زۇكۇنلاشسا كار قىلمايدۇ دىسە، بەزىلەر زۇكۇنلاشسىمۇ پايدىسى يوق دېيىشىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار قوپال ۋاستىلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار « بالىنى ئۇرۇپ بولغىچە » ئۆزى تاياق يېگەندەك ئازابلىنىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە كىممۇ يالغۇز پەرزەنتلىرىگە تاياق تەگكۈزۈشنى خالىسۇن؟ ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ نۇرغۇن كىشىلەر كىچىك بالىغا تەربىيە قىلغانسېرى « ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا غېجەك چالغاندەك » ئىش بولىدۇ، كىچىك بالىلارنىڭ تىلنى چۈشىنىش ئىقتىدارى ئاجىز تۇرسا قانداقمۇ چوڭ زۇكۇنلارنى چۈشىنەلىسۇن ؟ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر چۈشەنمەسلىكتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىدىغىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن ئىبارەت. ئەمما ئاتا - ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئاساس. ئاتا - ئانىسىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت، ئاتا - ئانا ئۆز پوزىتسىيىسىنى بالىغا ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ بېرىشتە پوزىتسىيە بىلەن ھەرىكەتنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشقا مۇھتاج، تۆۋەندىكى ئىككى مىسالغا قاراڭ. بىرىنچى مىسال : بىر بالا ئۆيىدە ئىنتايىن شوخ بولۇپ، دائىم « ئەسكى ئىشلار » نىلا قىلىدىكەن. مەسىلەن، ئەخلەت تۇڭىنى ئۆرۈۋېتىدىكەن، ئۈستەلدىكى نەرسىلەرنى چاقىدىكەن، ئاپىسى ھەر قېتىم قاتتىق ۋارقىراپ ئەيىبلەپ، « قاتتىق ئۇرىۋېتىمەن » دەيدىكەن. ئەمما بىرەر قېتىممۇ قول تەگكۈزمەيدىكەن. دادىسىنىڭ ئاچچىقى يامان ئەمەس بولۇپ، بالىغا قايتا - قايتا زۇكۇن سۆزلەيدىكەن، بالا ھەر قېتىم دادىسىنىڭ ئالدىدا خاتالىقىنى تونۇيدىكەن، بۇ بالىنىڭ قىزىقارلىق تەرىپى، ھەر قېتىم ئاپىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا دادىسىنىڭ زۇكۇن سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. بالا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىسىنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ دادىسىنىڭ زۇكۇنىنى ئاڭلايدىكەن. يەنە كېلىپ ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىكەن، بىر دەم ئاڭلىغاندىن كېيىن دادىسى بىلەن باشقا ئىشلار ھەققىدە سۆزلىشىدىكەن. ئەمما بىردەمدىلا ئۇنىڭ كونا كېسىلى يەنە قوزغىلىپ « ئەرشىنى مالىمان قىلىش » نى داۋاملاشتۇرىدىكەن. بۇ بالا نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ ھازىرچە بالىنىڭ مەقسىدى ھەققىدە سۆزلىمەي تۇرايلى. ئەمما ئاتا - ئانىسىنىڭ قىلغانلىرى نېمىشقا كار قىلمايدۇ؟ سەۋەپ مۇنداق : بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ تېخى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ياكى بالا ئاتا - ئانىسىنىڭ قىلغانلىرى ماڭا ھېچقانچە تەسىر قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئانىسىنىڭ ۋارقىراشلىرىغا ئادەتلىنىپ كېتىدۇ. بالىنىڭ يۈزى قېلىنلىشىپ ئاللىقاچان ئاپىسىنىڭ ۋارقىراپ - جارقىرىشى جازادەك تۇيۇلمايدىغان بولۇپ كەتكەن. ھازىر بالىنىڭ مەقسىتىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى، بالىنىڭ مەقسىتى، بەلكىم ئاتا - ئانىسىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بالىنىڭ بۇ قىلمىشى مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇزغۇنچىلىك خاراكتېرىدىكى قىلمىشلاردۇر. بالىنىڭ مەقسىدىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي تىزگىنلەش كېرەك. يۇقىرىدىكى مىسالدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، بالا ھەر قېتىم يەڭگۈچى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپىسىنىڭ دىققىتىنى تارتالىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسىنىڭ ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەنگەن زۇكۇنلىرىنى ئاڭلىيالىدى، بۇ بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى چوقۇم پەرىشان بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىغان. كېيىن ئۇنىڭ بىلەن زۇكۇنلاشقان، ئاقىۋەت بالىنىڭ قىلىقى كۈنسېرى يامانلاشقان. ئاتا - ئانىسى بالىغا پەرۋا قىلماسلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى سىناپ كۆرگەن، ئەمما پەرۋا قىلماسلىق ئۇنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بەزىدە توختىماي يىغلاپ جېدەل قىلغان. بەزىدە نەرسىلەرنى يەرگە ئاتقان، ئۇ 4~5 ياشلارغا كىرگەندە ئاپىسى ئۇنى ئەيىبلىسە كۈلۈپ خۇش بولغان. ئاتا - ئانىلار ئاكتىپ ھالدا بالىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشى كېرەك. بالىنىڭ ئامال تېپىپ ئاتا - ئانىسىغا تاقابىل تۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرماسلىق كېرەك. ئاتا - ئانا شۇندىلا بالىغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۈچلۈك بەلگىلىمە تۈزۈپ، بالا بۇزغۇنچىلىق قىلسا قاتتىق جازالاش، ئەگەر يەنە سادىر قىلسا قاتتىق ئۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىش كېرەك. ئەگەر راستىن بالىنى ئۇرسا بالا بەك قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئازابنىڭ تەمىنى تېتىتىپ، بىر مەزگىل تەربىيە بېرىش ئارقىلىق ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بالا ئۆزگىرىدۇ.ئىككىنچى مىسال : بىر بالا ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ خەۋەر ئېلىشىدا بولدى. ئىككى قېرى بالىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئائىلە شارائىتىمۇ ياخشى بولۇپ، بالا كىچىكىدىن باشلاپلا نېمە دىسە شۇ بار ئىدى. بەزىدە بوۋاي، مومايغا قولايسىز بولۇپ قالسىمۇ، بالا جېدەل قىلسىلا ئامال قىلىپ بالىنىڭ تەلىپىنى قاندۇراتتى. ھەممەيلەن بىلىشى مۇمكىن، ھازىر ماددىي ئەشيا كەمچىل چاغلار ئەمەس، ئەينى چاغلاردا بالىلارنىڭ تەلىپى ئازراق كەمپۈت، گۈللۈك كىيىم دېگەندەك نەرسىلەردىن ئېشىپ كەتمەيتتى، ئەمما ھازىر ئوخشىمايدۇ، بالىغا كېرەك بولغىنى بۇ نەرسىلەر ئەمەس، ھازىر يەنە بۇ بالا توغرىسىدا سۆزلىشەيلى : بالا ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاساسەن ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى، ئۇ بوۋا - مومىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ئاپىسىغا تاقابىل تۇردى، بۇ بالا ناھايىتى چۇس بولۇپ، ھەمىشە ئاپىسى بىلەن تاكاللىشاتتى، ئاپىسى ئۇنى ئۇراتتى. ئۇمۇ ئاخىرى ئارزۇسى ھەل بولغۇچىلىك چىڭ تۇراتتى، بەزىدە ھەتتا ئاپىسىنى تېرىكتۈرۈپ، تاياقتىن بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى يارا بولۇپ كېتەتتى، ئاپىسى زۇكۇنلاشسىمۇ، ئۇرسىمۇ كار قىلمايتتى. مەسىلە زادى نەدە ؟ تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاچقۇچ ئاپىسىنىڭ قەتئىي بولماي، سۆزلەپ ئۇرۇپ بولۇپ، ئاخىرى يەنىلا بالىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغانلىقىدا. بۇ بالا ھازىر 17~18 ياشلارغا كىرگەن بولسىمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەسرىتى چەكسىز...... قارىغاندا، بالىنى ياخشى تەربىيىلىمەك جاھاندىكى ئاتا - ئانىلارنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرىدىغان مەسىلە بولسا كېرەك. بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، بالا ئىجتىمائىي پىرىنسىپقا ۋە ئىجتىمائىي چەكلىمىگە بويسونۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئاتا - ئانىسىنىڭ بالىسىنى جازالىشى تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ، ئەمما بىز يەنىلا بالىنىڭ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش ياكى ئىلھام بېرىشنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. شۇنداقلا بەزى جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى، ئەمما جازالاش تەدبىرىنىڭ ئىمكان بار ئاز بولىشىنى، ھەر قېتىملىق جازا ئارقىلىق زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى، بولمىسا جازالىماسلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز. بەزى ئاتا - ئانىلار ئازراقلا ئىش بولسا بالىنى ئۇرىدۇ، بۇ ياخشى ئەمەس. نېمە ئۈچۈن بالىنى جازالايمىز؟ تەمسىللەردە « قائىدە بولمىسا، ئۈنۈم ھاسىل بولماس » دېيىلگەن، جازالاشنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ بالىنى تاشلىۋېتىش بولماستىن بەلكى بالىنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈندۇر. قاراپ باقساق، بەزى ئاتا - ئانىلار بالىنى جازالاپ بالىنىڭ نابۇت بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. سەۋەبى نېمە ؟ سەۋەبى بالىنىڭ ئاتا - ئانام ناچار قىلمىشىمنى ئەمەس، مېنى رەت قىلدى دەپ ئويلاپ قالغانلىقىدا. ئەگەر ئاتا - ئانا بالىغا بالىنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى بالىنىڭ قىلمىشلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرسە بۇنداق بالا نابۇت بولمايدۇ. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار جازالاشتىن قورقىدىكەن، بالىنى ئۇرۇش بالىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، بالىنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا بالىڭىز بەك ئاجىز بولغان بولىدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلارنى جازالىسا چوقۇم ئۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇشنى ئەڭ ئېغىر جازا دېگەنلىك ئەمەس. تەكشۈرۈش شۇنى بايقىدىكى، ئاتا - ئانىلار بالىلارنى ئەڭ ئامراق نەرسىسىدىن، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق نەرسىدىن مەھرۇم قىلسا بۇ بالىلارغا ئۇرۇشتىن ئېغىر تەسىر قىلىدۇ. ئاتا - ئانىنىڭ بالىنىڭ يېغىرىغا تېگىشى، زاڭلىق قىلىشى بالىغا كۈچلۈك خورلۇق تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇ بالىنى ئۇرۇشتىنمۇ ئېغىر ئىشتۇر. نۇرغۇن ماتىرىياللاردا سۆزلىنىشىچە، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر بالا ئاتا - ئانام ئۇرسىمۇ مەيلى، ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا ئەيىبلىمىسە دەپ ئويلايدىكەن. شۇڭا ئاتا - ئانىلار « ئۇرۇشنى ئېغىر جازا » دەپ قارىماسلىقى كېرەك. ئۇرۇش بالىنى جىسمانىي جەھەتتىن بىئارام قىلىش ۋە ئازابلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ئاتا - ئانىنىڭ بالىنى ئۇرۇش - ئۇرماسلىقى مۇھىم مەسىلە ئەمەس، ھېس قىلىشىمىزچە، بەزى ئاتا - ئانىلار دائىم بالىنى ئۇرۇش ئارقىلىق جازالىسىمۇ بالا يەنىلا شۇنداق ياخشى بولۇپ، پىسخىك ئازارلىق پەيدا بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بەزى ئاتا - ئانىلار ئادەتتە بالىسىنى ئۇرمايدۇ، لېكىن تاساددىپىي تىللاپ قويسا بالىغا بەكمۇ ئېغىر كېلىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ پىسخىك بەرداشلىق كۈچى ئادەمنى گۇمانلاندۇرىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئۈنۈمى يوق. ئەمما تۆۋەندىكى ئاتىنىڭ ئۇسۇلىدىن ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : « مەن بالامنى ئۇرىمەنمۇ ؟ ئۇرىمەن. بالا 2~3 ياش ۋاقتىدا سىز ئۇنى بىرەر ئىشنى قىلغىلى قويمىسىڭىز، مەسىلەن، سەرەڭگە ئوينىغىلى قويمىسىڭىز، ئۇ ئوينايمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ، دەرھال بىر شاپىلاق ئۇرسىڭىز ئاغرىسا ئىككىنچى قېتىم قايتا ئوينايمەن دېمەيدۇ. بەزىدە باشقا نەرسىلەرنى ئوينىماقچى بولغاندا ئوينىغىلى قويمىسام غەلۋە قىلاتتى. بۇ پىرىنسىپ مەسىلىسى بولمىسا بەزىدە يول قوياتتىم، پىرىنسىپ مەسىلىسى بولسا يول قويمايتتىم. ئەگەر بالام خاتا ئىش قىلىپ قويسا بىرىنچى قېتىم بولدى قىلىمەن، ئەگەر ئىككىنچى قېتىم تەكرارلانسا قانداق جازالايدىغانلىقىمنى دېيىشىۋالاتتىم، مەن ئىككى ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قوياتتىم. بىرى خەجلەيدىغان پارچە پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش، يەنە بىر تاياق يىيىش بولاتتى. ئۇنىڭدىن قايسى ئۇسۇلنى تاللايدىغانلىقىنى سورىسام تاياق يېيىشنى تاللىدى، ( مەسىلەن، 5 شاپىلاق يېيىش ) ئۇ ھەقىقەتەن قايتا خاتالىق سادىر قىلسا « كېلىشىم » بويىچە 5 شاپىلاق ئۇردۇم. ئۇ ئاغرىق دەستىدىن ۋارقىرىۋەتتى. ئۇرۇپ بولۇپ ئۇنىڭدىن قانداقراق دەپ سورىسام، كېلەر قېتىم قايتا تاياق يېمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بالام باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەمدى ھەرگىز ئۇنى ئۇرمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.» بۇنىڭدىن قانداق بىر تەجرىبىنى يەكۈنلەش مۇمكىن؟ ئاتا - ئانىلار بالىسىنى جازالاشتا ئادىل، ھەققانىي بولۇشى كېرەك. بالىنىڭ يېشى قانچە چوڭايغانسېرى بۇ نوقتا شۇنچە مۇھىم. چۈنكى بۇ چاغدا بالا پاكىت چۈشىنىشكە باشلايدۇ. بالىنى جازالاش ( ئۇرۇش ياكى باشقا ئۇسۇل بولىشىدىن قەتئىينەزەر ) پەقەت ئاتا - ئانىنىڭ بالىنىڭ مەلۇم قىلمىشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار ئاچچىقى كەلسىلا بالىنى ئۇرۇپ - تىللايدۇ. ئۇرۇپ - تىللىمىغان ھالەتتىمۇ قاپىقىنى تۈرىدۇ، بۇ بالىغىمۇ ئادىل ئەمەستەك تۇيىلىدۇ. ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارغا بەرگەن ئادىل بولمىغان جازالىرىمۇ بار. مەسىلەن، ئاتا - ئانىلار كەيپىياتى ناچار چاغدا مەسىلىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي، بالىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ بالىنى جازالايدۇ. ناۋادا شۇنداق ئەھۋالدا بالىنى خاتا جازالاپ سالسىڭىز ئىشتىن كېيىن چوقۇم بالىدىن ئەپۇ سورىشىڭىز كېرەك. نېمىشقا بەزى بالىلار ئاتا - ئانىسىدىن ئادەم ئۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؟ بۇنى ئاساسەن ئاتا - ئانىسىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولمىغان جازاسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سىز بىر قېتىم قالايمىقان ئادەم ئۇرسىڭىز، بالىمۇ مەسىلىگە يولۇققاندا بىر قېتىم قالايمىقان ئادەم ئۇرىدۇ. بىز چوڭلار قانۇن ئۆگەنگەن كەبى بالىغا ھەققانىي جازانىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئۆگىتىش ۋە ھېس قىلدۇرۇشىمىز لازىم. بالىنىڭ ئىجتىمائىي بويسۇنۇشىنى ئۆگىنىشى ناھايىتى مۇھىم، بىز نۇرغۇن مەسىلىسى بار ئۆسمۈرلەرنى كۆردۇق. ئۇلار نۇرغۇن جازاغا ئۇچرىغان. ئەمما كىچىكىدىن ھەققانىي جازانىڭ نېمىلىكىنى ئۆگەنمىگەن ۋە ھېس قىلمىغان.بالىلارغا تەن جازاسى بېرىشنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئۇرۇشى كۆپىنچە بىر دەملىك ھاياجانلىنىش، چوڭقۇر ئويلانماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ - يۇ، ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلاردا ناچار پىسخىك ھالەت ۋە ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بالا دائىم ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇرۇپ - تېپىشىگە ئۇچرىسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بۇ بالا ئاتا - ئانىسىنى كۆرسىلا قورقىدىغان، يېقىن كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتا - ئانىسى نىمە دىسە توغرا ياكى خاتا بولسۇن يۇۋاشلىق بىلەن بويسۇنىدۇ. بۇنداق ناچار بولغان مۇتلەق بويسۇنۇش شارائىتىدا ئۆسكەن بالىلار ئاسانلا چۈشكۈن، ئاجىز بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق بالىلار ھەمىشە قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىدۇ. روھى بوغۇلىدۇ، ئۆگىنىشتە پاسسىپ بولىدۇ. كىشىلەرگە ئارىلاشمايدۇ، ئۆزىنى يالغۇز، ياردەمسىز ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاتا - ئانىلار باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىسىنى ئۇرسا، بالىنىڭ غۇرۇرى زىيانغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئۆز قابىلىيىتىدىن گۇمانلىنىدىغان، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، مۇئەللىم ۋە كىچىك دوستلارمۇ ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك تۇيۇلۇپ بېشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ بالىلار ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا - ئانىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى، كىچىك دوستلار بىلەن ئويناشنى خالىمايدۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار ئازراقلا ئىشلار ئۈچۈن بالىنى ئۇرۇپ، بالىنىڭ غۇرۇرىغا زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلاردا قارشىلىق كەيپىياتى، تەتۈرلۈك پىسخىكىسى پەيدا قىلىدۇ. بەزى بالىلار بۇنىڭغا قەستەن قالايمىقانچىلىق چىقىرىش شەكلى بىلەن قارشى تۇرماقچى بولىدۇ، سىز شەرققە ماڭ دېسىڭىز، ئۇ قەستەن غەربكە ماڭىدۇ. مەقسەتلىك ھالدا ئاتا - ئانىنى تېرىكتۈرىدۇ. بىر قىسىم بالىلار ئاتا - ئانىسى ئۇرغانسېرى خاتالىقىنى تونۇمايدۇ، قارشىلىقى تېخىمۇ چوڭىيىدۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار ئازراقلا ئىش ئۈچۈن بالىسىنى ئۇرسا بالىنىڭ تەقلىدچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، بالا سىرتقا چىقىپ باشقىلارنى، بولۇپمۇ ئۆزىدىن كىچىكلەرنى ئۇرىدۇ. ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئۇرۇشى ئەمەلىيەتتە بالىغا باشقا بالىلارنى ئۇرۇشنى ئۆگىتىش رولىنى ئوينايدۇ. بەزى ئاتا - ئانىلار بالىسىغا ئارتۇقچە زور ئۈمىد باغلاپ، ئۈمىدىنى بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىدىن ئاشۇرۇۋەتكەچكە، بالىنىڭ پىسخىك بېسىمى ئېشىپ ئەنسىرىگەك بولۇپ قالىدۇ. بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولمىسا ئاتا - ئانىلار سەۋىرچانلىق بىلەن بالىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشىغا ياردەم بەرمەي، ئەكسىچە قاراملىق بىلەن بالىنى ئۇرسا بالا ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان، تىل ئۆگەنگەندە خام سۆزلەرنى ئەستە تۇتالمايدىغان، ھېسابلارنى ئىشلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئاتا - ئانىسىنى رازى قىلالماي يەنە تاياق يېيىشى بولۇپ، ھەددىدىن ئارتۇق جىددىيلىشىدۇ، خاتىرجەمسىزلىنىدۇ، نەتىجىدە ئاتا - ئانىنىڭ تەلىپىدىن تېخىمۇ يىراقلاپ كېتىدۇ. دېمەك، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۇرۇش ئارقىلىق تەربىيە مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇشى خاتا بولۇپ، بالىدىكى ناچار پىسخىك ھالەت ۋە ئاجىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا چىقىرىدۇكى، ھەرگىز تەربىيە ئۈنۈمىمى ھاسىل قىلالمايدۇ. بالىنى تىك تۇرغۇزۇپ جازالىماڭ بالىنىڭ شوخلۇق قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ كەپسىزلىكىگە توغرا مۇئامىلە قىلمايدۇ، كىچىك بىر ئىش ئۈچۈن بالىنى جازالاپ تىك تۇرغۇزۇپ قويىدۇ. بۇ دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل جازا ئۇسۇلى بولۇپ، بەزى ئاتا - ئانىلار ھەتتا بالىنى ناھايىتى ئۇزاق تىك تۇرغۇزۇپ جازالايدۇ. بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، بالىنىڭ سۆڭىكى تۇلۇق يېتىلمىگەچكە، بەل ئومۇرتقىسى ناھايىتى نازۇك كېلىدۇ. ئەگەر بالا قورقۇنچ ئىچىدە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت تىك تۇرسا پۇت قىسمىدىكى مۇسكۇل جىددىيلىشىپ، ئومۇرتقىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ ئېگىلەلمەسلىك، ئىككى پۇتى ئىششىپ ئۇيۇشۇش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. بۇ بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق. نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تىك تۇرغۇزۇپ جازالاش ياخشى بولغان تەربىيە ئۇسۇلى ئەمەس. بۇنداق ئۇسۇلدا گەرچە بالا بەك ئازابلانغان تەقدىردىمۇ خاتالىقىنىڭ سەۋەبىنى تاپالمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئۆزگەرتىشنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ بالىلارنىڭ خاتالىقىنى تونۇش ۋە تۈزىتىش پوزىتسىيىسىدىن شەكسىز ھالدا مەھرۇم قىلىشتۇر. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەن جازاسى بالىلاردىكى قارشىلىق پىسخىكىسىنى كۈچەيتىپ، ئاتا - ئانىلار بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يىراقلاشتۇرىدىكەن. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ زىيان، شۇڭا ئاتا ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بالىسىنى ئۇرماسلىقىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|



