| بۈگۈر0996 |
|
|||
|
مەن يېڭىدىن ئازا بولۇپ كىرگەن، 积分190بولدى لېكىن 金币0 بۇنىڭ قانداق ئالىمىمىز
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : سىزنىڭ بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز. سىز ئەزالار مەركىزىگە كىرىڭ. ئاندىن ئوڭ تەرەپكە قارىسىڭىز «ئىستمال مەركىزى» نىڭ ئاستىدا « دەرىجەم » دىگەن تۇرنى چىكىڭ. بۇ ۋاقىتتا سىز تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرنى كۆرىسىز: جۇغلانمىنى تەڭگىگە ئالماشتۇرۇش (ئالماشتۇرۇش باھاسى : 50 جۇغلانما/بىر تەڭگە ، سىز جۇغلانمىڭىزنى تەڭگىگە ئالماشتۇرالايسىز)
ئالماشتۇرىدىغان تەڭگە : XX دىگەننىڭ ئاخىرىدا «بولدى» دىگەن كۇنۇپكا بار، سىز شۇنى بىسىپ يىغىندا نومۇرنى تەڭگىگە ئالماشتۇرالايسىز. |
|||
|
|
| سىن تەخسە |
|
|||
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، بەشتاش....
كەمىنە ، مەزكۈر تور بەتتىن ئۆزۈمگە يارىغان ماتىرىياللارنى چۈشۈرەي دېسەم «ئەزا بول»دېدى ، ئەزا بولسام يەنە بىرنېمە دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى ...ئەمدى قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ چاتاق كومپىيۇتىرىمدىمۇ يە ... بۇ توربەتنىڭ قۇرۇلىشى بىز ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ،ئەلۋەتتە . بۈگۈندىن باشلاپ مەنمۇ تور بەتنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ھەقىقىي «قورال ئامبىرى»غا ئاينلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىپ باقاي ... چۈنكى «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە»... باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام؛ سىزنىڭ تور بىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز. تور بىتىمىزدىكى ماتىرياللار سۇپىتى ۋە ئەزالارنىڭ بەلگىلىشىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان چۇشۇرۇش چەكلىمىسىگە ئايرىلغان. بەزىلىرىنى ئەزا بولماي، بىر قىسىملىرىنى ئەزا بولۇپ، يەنە بىر قىسىملىرىنى ئەزا بولۇپ مۇئەييەن جۇغلانمىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئاندىن چۇشۇرگىلى بولىدۇ. سىزنىڭ يۇقارقى تەرەپلەرنى توغرا چۇشىنىشىڭىزنى سورايمىز.ھەم ئۆزىڭىز دىگەندەك «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن سىپىمىزگە قىتىلىپ، بەشتاش تورىنىڭ تۆھپىكار بىر ئەزاسى بولىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمىز. |
|||
|
|
| شات |
|
|||
|
3-يىللىقلارنىڭ 2011-يىلى11-ئاينىڭ 17-كۈنى يوللىغان دەرسنى نىمىشقا چۈشۈرۈش ھالىتىگە كەلتۈرمەيسىزلە؟ بۇ يېڭى دەرس ئىدى.
2011-يىلى11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى دەرسكە ،ئوخشىمايدۇ.دەرس ئىسمىمۇ ئوخشىمايدۇ،مەزمونىمۇ ئوخشىمايدۇ. باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : بۇ بىزدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئەسلى تەمىنلىگۇچى ماتىريالنى بوشلۇققا يوللىمىغان . شۇڭلاشقا نورمال چۇشۇرۇش مۇمكىن بولمىدى. سىزنىڭ ئەسلى ماتىريالنى قايتا يوللىشىڭىزنى ياكى باشقا بوشلۇقتا بولسا ئۇلانما قىلىپ قويىشىڭىزنى سورايمىز. |
|||
|
|
| ئەكرەمجان |
|
|||
|
سىلەرنىڭ تور بىتىڭلارنى تۇلىمۇ ياقتۇرمەن، ھەممە جەھەتتىن تۇلۇق پايدىلنىش قىممىتى بار ئىكەن، ئەمما ئىشنىڭ چوڭلىرىغا ئېسىلۋالماي ئاددى بولسىمۇ پايدىلنىش ئۇچۇن، مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش، ياتاق باشقۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش، قاتارلىق باشقۇرۇش تۇزۇملىرىمۇ يوللانسا مائارىپ خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان بۇلاتتى. ئىمكان بولسا شۇمۇ يوللانسا.
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : بىز قولىمىزدا بار ماتىرياللارنى مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن يوللاشقا تىرىشپ كىلىۋاتىمىز. سىز دىگەن ئۇ ماتىرياللارمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ تىرىشىشى ئاستىدا تور بىتىمىزدىن ئورۇن ئالغۇسى. |
|||
|
|
| پەرغانە |
|
|||
|
6- يىللىقنىڭ ئىلىم -پەن دەرسلىكىنىڭ ئاخىرىقى بىر باپىدىكى 10 دەرىسنىڭ دەرىس پىلانى كام بۇلۇپ قاپتۇ بۇ 10 دەرىسنىڭ دەرىس پىلانىنى مەن تۈزۈپ ئەۋەتسەم بۇلامدۇ؟
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : ئەلۋەتتە بولىدۇ،سىزنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت |
|||
|
|
| قاراتوغراق |
|
|||
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئۇيغۇر مىللى مائارىپنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلار ،بەشتاش باللار مائاىپ تورنى ئۇيغۇر مائارىپچىللىرنىڭ جەمگاھى ۋە ئۇيغۇر مائارىپنىڭ گۈلتاجى قىلىش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىزدىنىۋاتقان تور بەت باشقۇرغۇچى قېرىنداشلىرىمىز پېقىردىن سىلەرگە ئايەملىك سالام!سىلەر ۋە بىز ئورتاق تىرشىپ ،بىر-بىرىمىزنى قوللاپ، ياخشى ھەمكارلىشىپ،جاپالىق تىرىشىدىغانلا بولساق تارتقان جاپالىرىمىز ھەرگىزمۇ يەردە قالمايدۇ.ئاخىرىدا تىنىڭلارغا سالامەتلىك،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق،تۇرمۇشىڭلارغا خاتىرجەملىك ۋە بەخىت ت
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. ئىيىتقانلىرىڭىز كەلسۇن. سىزنىڭمۇ تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت، خىزمىتىڭىزگە بەخىت، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمىز. بەخىت سىزگە يار بولسۇن! |
|||
|
|
| پەرغانە |
|
|||
|
6 - يىللىكنىڭ دەرىس تەييارلىكى بەك ياخشى تۈزىلىپتۇ بىزنىڭ يۈكىمىز خېلى يەڭگىللەپ قالدى سىللەرگە كۆپتىن - كۆپ رەخمەت قولۇڭلارغا دەت بەرمىسۇن .
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : سىزنىڭمۇ يىقىندىن بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىڭىزگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئىيتىمىز. |
|||
|
|
| چوڭباغ |
|
|||
|
بەشتاش مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بىرى بىز مائارىپچىلارنىڭ بىر قىسىم قىيىنچىلىقىمىزنى يىنىكلىتىپ،مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى بەشتاش مۇنبىرىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە ئەسەر بىلەن تەمىن ئەتكۈچىلەرگە تەشەككۈر بىلدۇرمەن
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : سىزنىڭمۇ بىزگە يىقىندىن دىققەت قىلغىنىڭىزغا ۋە قوللاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئىيتىمىز. ھەم بۇنىڭدىن كىيىن تىغىمۇ تىرىشپ، تور ئارقىلىق مىللى مائارىپ ئۇچۇن ئاخىرىدا مىللەتنىڭ كەلگۇسى تەرەققىياتى ئۇچۇن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز. سىزنىڭ بىزنى داۋاملىق قوللاپ بىرىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمىز. |
|||
|
|
| قاراتوغراق |
|
|||
|
سىلەرنىڭ مىللى مائارىپمىزنىڭ ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلنىشغا سۇنۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي تىرشچانلىق كۆرسىتۋاتقانلىقىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەنمۇ ئەزا بولغان بۇ قىسقىغنا ۋاقىت ئىچىدە خېلى كۆپ ماتىرىياللاردىن پايدىلاندىم،شۇ ۋەجىدىن مەنمۇ ئاز بولسىمۇ ئۆزەمدە بار بولغان بەزى ماتىرىياللارنى يوللاي دىسەم يوللىغلى بولمىدى ياكى مىنىڭ مەشغۇلاتىم خاتا بولۇپ قالدىمۇ ؟بۇ توغرىسدا بىر نەچچە قېتىم پىكىر يازساممۇ تەستىقلانمىدى،ئىزاھات بەرگەن بولساڭلار...
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : سىزنىڭمۇ بىزنى قوللاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. نەزىرىڭىز مۇنۇ تىمىلاردا بولسۇن: http://baxtax.cn/jiaoyan/cankao/2011/0116/1321.html ئەگەر ئۇ تىمىلاردىنمۇ جاۋاپ تاپالىسىڭىز چ چ ياكى تىلفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ. بىز بىۋاستە كۆرسەتمە بەرسەك بولىدۇ. سىزنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت. |
|||
|
|
| قاراتوغراق |
|
|||
|
مەن بىر دىتال يوللىماقچى ئىدىم بىراق تۆۋەندىكدەك خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنۈپ يوللانمىدى
你所上传的图片类型不在许可列表,请上传jpg|gif|png|bmp类型 ئىزاھات بەرگەن بولسىڭىز. باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى : سىز دىتالنى دىتال يوللاش رايۇنىدىن يوللاڭ. jpg|gif|png|bmp بۇلار رەسىم يەنى سۇرەت يوللاش رايۇنىدا يوللاشقا بولىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ كىڭەيتىلگەن شەكلى، سىز يوللىغان ماتىريالنىڭ كىڭەيتىلگەن شەكلى ئۇنداق بولىمىغاچقا رەسىم يوللاش رايۇنىدىن يوللاشقا بولمايدۇ. سىزنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت. سىز تور بىتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارغا دىققەت قىلسىڭىز جاۋاپ تاپالايسىز. |
|||
|
|