پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-11 22:03 مەنبەسى: ئۇيغۇرچە رادىيو ت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تەلەي +1

مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك، بىرتۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر تۈركۈم مائارىپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى مەركەزلىك يولغا قويۇش لازىم، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش، يېزىلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى پائال ياخشىلاپ، ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونلار يېزىلىرىنىڭ يەسلى مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇش، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى يولغا قويۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزىلارغا يۈزلەنگەن كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، شەھەر بازارلاردا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇرمۇش پۇلى، قاتناش پۇلى قاتارلىق ئالاھىدە تولۇقلىمىلارنى بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چەت، يىراق، نامرات رايونلار، چېگرىدىكى مىللىي رايونلار ۋە ئىنقىلابى كونا ئازاد رايونلارنى ئىختىساسلىق خادىم جەھەتتىن قوللاش پىلانىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىلانىنى يولغا قويۇش، تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېزىلارغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چەت، يىراق جاپالىق رايونلاردىكى يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياتاق قۇرۇلۇشى تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مىللىي مائارىپنى كۈچەيتىش كېرەك، مائارىپتا شىزاڭغا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىزاڭ سىنىپى، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە شىزاڭ، شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپى سىنىپلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، مىللىي رايونلاردىكى مائارىپ ئاساسى ئاجىز ناھىيەلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرىنى ياخشى تۇتۇش، ئالىي مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تەييارلىق سىنىپلىرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان يۇقىرى قاتلاملىق تايانچ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئالىي ئىختىساسلىق خادىملىرى پىلانىنى يولغا قويۇش، قوش تىل مائارىپىنى مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپتا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] تۇنجى ئاۋدىفون [ 2012-02-12 00:25:27 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى تىپتىكى تانكىلار [ 2012-02-12 00:24:20 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:20:48 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:18:14 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:15:57 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:13:31 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:09:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] خورەك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ [ 2012-02-11 23:28:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ قۇلاق ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىڭ [ 2012-02-11 23:26:07 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا بۇ يىلدىن ب [ 2012-02-11 23:24:37 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر