ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ .مىللەتنىڭ دۇشمىنى بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ تولىمۇ ئۇلۇغ كەسىپتە ئىشلەۋاتقان ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ شەنىگە ، ئابرويىغا، نامىغا داغ كىلىدىغان، ھاقارەت قىلىدىغان گەپ-سۆزنى ئاڭلىسام،كۆرسەم قانلىرىم ئۆزىچە ئۇۋەجەپ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، شۇنداق ھاقارەت قىلغان كىشى زادى كىم؟ ئۇنى تەربىيلەپ شۇنداق ھاقارەت قىلالىغۇدەك دەرىجىگە يەتكۇزگەن زادى كىم؟ ئەجىبا كىچىككىنە ئىشنى، نەپنى دەپ ئوقۇتقۇچىنى، گەرچە ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھاياتلىقىدا ئۆزىگە بىلىم بەرگەن ياكى ئۆزىگە بىلىم بەرگەن كىشى بىلەن بىر سەپتە تۇرىۋاتقان كىشىگە ھاقارەت قىلىشقا پىتىنىغۇدەك قانداق قىلمىشتۇ دەپ ئاچچىققا بوغۇلاتتىم. ھەتتا بەزىدە ئىنسانى خىسلەتنى يوقىتىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ئۆزگىچە يول، مىھنەت بىلەن ھايۋانلاردىن ئايرىپ بىرىۋاتقان ئوقوتقۇچىغا ھاقارەت قىلغان، ئوقۇتقۇچىنى دەپسەندە قىلغان كىشىنى ئۆلتۇرۋەتكۇم كىلەتتى. لىكىن بۇگۇنكى ئىش مىنى ئەلەمدىن ئۆلتۇردى. ئەجىبا ھەممە يەردە مەن كۆرگەن مىتىگە ئوخشاش مىتە قۇرتلار مىللەتنىڭ كەلگۇسى بولغان ئەۋلادلارنى دەپسەندە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىدىن ئىبارەت پاك ۋە خىسلەتلىك جايغا ھاقارەت كەلتۇرۋاتقانمىدۇ؟ بىر يىغا بوغۇزۇمدىن بوغىۋاتىدۇ. سەن كىمنىڭ بالىلىرىنى تەربىيلەۋاتىسەن؟ سەن كىم ؟ ئەجىبا بۇ مىللەتتە ، ئۆزۇڭ تەربىيلەۋاتقان بالىلاردا ئالالمىغان قانداق ئۆچۇڭ بار؟ ئەجىبا ئوقۇتقۇچىلارغا ھاقارەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ، ئوقۇتقۇچىلارنى ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى خارلاۋاتقانلارنىڭ قىلغانلىرى توغرىمىدۇ؟ ئىسىت، ئوقۇتقۇچى بولغىنىڭ، ئىسىت مىللىتىڭنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ، يەنە ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنىتلىرىنى ئوقۇتقىنىڭ. ئىسىت مىللىتىمنىڭ بىغۇبار كەلگۇسىلىرى....... ئىسىت................... تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|

