پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرىپىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سۆزلەنگ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-06 13:00 مەنبەسى: ئاپتورى: alogli كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەكتەپنىڭ 5-ئىيولۋەقەسىنىڭ سەزگۈر مەزگىلدىكى مۇقىملىق خىزمىتنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش توغىرسىدىكى قايتا سەپەرۋەلىك چوڭ يىغىنىدا سۆزلەنگ

مەكتەپنىڭ «5-ئىيول»ۋەقەسىنىڭ سەزگۈر مەزگىلدىكى مۇقىملىق خىزمىتنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش توغىرسىدىكى قايتا سەپەرۋەلىك چوڭ يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

يولداشلار :

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيول»ۋەقەسىنىڭ سەزگۈر مەزگىلدىكى مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمەتلىرنى ياخشى ئىشلەش توغىرلىق ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى قايتا قايتا يىغىن ئېچىپ،خىزمەتنىڭ جىددىيلىكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى مائارىپ سېستىمىسدىكى بارلىق خادىملارنىڭ يۈكسەك دەرجدە ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ،«5-ئىيول»ۋەقەسنىڭ سەزگۈر مەزگىلدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا ھەم جىددى ئۇرۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارماقتا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تۆۋەندە «5-ئىيول»ۋەقەسىنىڭ سەزگۈر مەزگىلدىكى مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمەتلىرنى ياخشى ئىشلەش توغىرسىدا بىر قانچە تۈرلۈك ئۇرۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارىمەن.

1›مەكتىۋمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مۇقىملىق خىزمىتنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۈرۈرلىكىنى تۇللۇق تۇنۇپ يىتىشى كېرەك.

نۆۋەتتە خەلىقئارا ۋە شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە قارىغاندا مۇقىملىق ۋەزىيتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بۇلۇپ،ئۈرۈمچىدىكى «5-ئىيول»ۋەقەسىنىڭ ۋەقەسىنىڭ سەزگۈر مەزگىلى يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ،چىگرا ئىچى سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈش پائالىيىتنى بارغانسىرى جىدىديلەشتۈرمەكتە.

قىرغىزىستاندىكى سىياسى ئۆزگىرىش ،ئون مىڭلىغان ئاممىنىڭ سىرتىلاردا سەرگەردان بۇلۇش،ئاز بولمىغان مۇساپىرلارنىڭ بىرزنىڭ دۆلتىمىزنىڭ چىگىردىن ئېقىپ كېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.دۇنيا ئۇيغۇرلار تەشكىلاتى «ئۈرۈمچى 5-ئىيول ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەش قارارىنى» تۈزۈپ 17تۈرلۈك ئاتالمىش ئۈرۈمچى 5-ئىيول ۋەقەسىنى خاتىرلەش مەزمۇننى تۈزۈپ،مەقسەت مۇددىئا ئايدىڭ،ۋاستىسى ھىيلىگەر بولغان،بۇ غەرىپتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ پىلانلىغانلىقى روشەن گەۋدىلەنگەن دۇنيا ئۇيغۇرلار تەشكىلاتى تىل بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ،ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق پائالىيىتنى مەخپى پىلانلاپ،يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاتالمىش مىللى ھەركىتنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرپ رايۇنىمىز مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلىدى،شەرقى تۈركىستان ھەركىتى قاتارلىق چىگرا ئىچى سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ زوراۋانلىق ۋە تىرورلۇق تەھدىتى كۈچەيمەكتە شەرقى تۈركىستان ھەركىتنىڭ يېڭى باشلىقى ئۆلگەندىن كېيىن يېڭى كاتتىبېشى كۆچنى قايتىدىن يىغىنچاقلاپ،قايتىدىن تىرورلۇق پائالىيىتنى ئېلىپ بېرىپ،ئۆزنى كۈچنى تەسىر دائىرسىنى زورايتىشقا ئۇرۇنماقتا،يېقىندا كۆپ قېتىم كۆرۈنمە چاستۇتىنى تارقىتىپ،ئۇيغۇرلارنى «ئاللاھنىڭ پەرمانى بويىچە كاپىرلارنى يۇقۇتۇش»قا قۇتىرتىپ،شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ،دۇنيا مىقياسىدا يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا،«5-ئىيول »ۋەقەسنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىرمۇ تۇللۇق تۈگىگىنى يوق،بەزىلەر «5-ئىيول»نىڭ ئالدى كەينىدە يىغىلىپ،«5-ئىيول»دىكى بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈشنى پىلانلىماقتا،يېقىندىن بۇيان ھەر خىل زىيانلىق ئۇچۇرلار تارقىتىش ۋە «فالۇن گومپىسى»تەتۈر تەشۋىقاتى سڭدۈرمىچىلىك پائالىيتى بايقىلىپ،قانۇنسىز دىنى پائالىيەت،قانۇنسىز تەشۋىقات ماتىرياللىرى سىڭدۈرمىچىلىك پائالىيىتى ھەم ئاياللارنىڭ چۈمبار تارتىپ غەلىتە كىيىم كېچەك كىيىش،ياشلارنىڭ ئۇزۇن ساقال قۇيۇش قاتارلىق جەمىيەتتە نۇرمال بولمىغان ھادىسە بايقىلىپ،بىر قىسىم كەنىت(مەھەللەر)دىكى دىنى كەيپىيات قايتىدىن ئەۋەج ئېلىپ،مەنپەئەت تۇقۇنۇشىدىن كېلىپ چىققان ئەرزىيەت مەسىللىرى بىخ ھالىتىدا ساقلانماقتا.شۇڭلاشقا بىز «5-ئىيول ۋەقەسنىڭ سەزگۈر مەزگىلىدكى مۇىملىق ۋەزىيتنىڭ كەسكىنلىكى مۇرەككەپلىكى،ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ئىمكانقەدەر تۇللۇق تۇنۇپ «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ»دىگەن ئىدىينى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ،بىر تۇتاش پىلانلاپ،ئەھمىيەت بېرىش،ئالدىن پىلانلاش ،كۆڭۈل قۇيۇپ پۇختا ئۇرۇنلاشتۇرۇش،ھەققى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ«ئۈچ خىل كۈچلەر»مەكتىۋمىزنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ۋە قالايمىقانچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،مۇقىملىق ۋەزىيتىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

2›ھەر قايسىمىز ھەر ۋاقىت ھۇشيارلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ،مەكتەپ ئېلىپ بارغان جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مانىۋىرغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتىنىشپ،ئۆز ئۆزىمىزنى تەربىيلىشىمىز كېرەك.

3›ئائىلە سۆھبىتنى كۈچەيتىپ،ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيلىرىگىچە تۇللۇق بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنڭ ئارام مەزگىلىدىكى ئىدىيە ئەھۋالىنى تۇللۇق ئىگەللەپ،ئاتا-ئانىلارغا مۇقىملىق ۋىزىيتنىڭ جىدىدىيلىكى،ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى ھەم پارتىينىڭ رايۇنىمىزغا قاراتقان ئىېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى،شىنجاڭ خىزمەت يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىپ،تۈرلۈك سۆھبەت قىلىش شەكىللىىرى ئارقىلىق ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشمىز كېرەك.

4›24سائەتلىك نۆۋەتچىلىك ئورنىدا مۇقىم تۇرۇپ،تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش،چارلاش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،كىملىكى يوق ھەر قانداق شەخىسنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشنىڭ،ھەر قانداق كىشىنىڭ تىزىملاتماي كېرىشىنىڭ،يىنىدىكى سومكا قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى يۇشۇرۇش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلارنى تەكشۈرۈشىمىز،مەكتەپ ئىچىگە مەكتەپ ماشنىسىدىن باشقا ھەر قانداق ماشنىلارنىڭ كىرىشىگە يول قويماسلىقىمىز،ۋە مەكتەپ ئالدىدا توختىشقا روخسەت قىلماسلىقىمىز،سىرتىتىن كىرگەنلەرنى تىزىملاش خاتىرسى،نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈپ ئېلىش،ئۆتكۈزۈپ بېرىش خاتىرسى قاتارلىق خاتىرلەرنى ئەستايىدىل تولدۇرۇپ،مەسىلە كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

5›نوقتىلىق كىشىلەرنى نازارەت قىلىش سالىمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،نوقتىلىق كىشلەرنىڭ پەرزەنتىلىرگە ياردەم بېرىش ،تەربىيە بېرشى ئارقىلىق تەربىيەنىڭ ياخشى نەتىنجىسىنى قولغا كەلتۈرشىمىز كېرەك

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

alogliنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] CAJViewer 7.0.2.sel دىتالى [ 2010-08-26 19:07:00 ]
[باشقا رەسىملەر] ۋاسكىتبول چولپىنى -ئادىلجان [ 2010-08-01 17:46:06 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام [ 2010-07-30 14:37:06 ]
[ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت] بىخەتەر ئىشلەپچقىرىش پائالىيىتنى [ 2010-07-27 18:05:36 ]
[ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت] دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت بىلملەرد [ 2010-07-27 18:01:24 ]
[ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت] ئەخلاقى تەربىيە كۆرسەتكۈچلىرى بوي [ 2010-07-27 17:56:02 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچلار ئاشخانسنى با [ 2010-07-08 16:07:46 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] مەكتەپنىڭ 12-قېتىملىق پارتىيە ئىست [ 2010-07-08 16:02:16 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك 5 – قېتىم [ 2010-07-08 15:57:56 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى [ 2010-07-07 16:17:13 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
alogli تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-11 10:06 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-10-06 14:10
تەۋسىيەلەر