پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرىپىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يىللىق خىزمە

يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-20 12:15 مەنبەسى: ئاپتورى: sohuk كۆرۈلۈشى: قېتىم
partiya kurulux hizmat hulasisi yollandi paydilinixinglarni umut kiliman

 بۇلاقسۇ مائارىپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى

  
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
  
     ئومۇمى ئەھۋال
ياچىيكىمىزغا قاراشلىق 15باشلانغۇچ مەكتەپ 1ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇمى ئوقۇغۇچى 7104 نەپەر (باشلانغۇچ 4713نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ 2688نەپەر )ئوقۇتقۇچى 422نەپەر(بۇنىڭ ئىچىدە باشلابغۇچ 238نەپەر،تولۇقسىزدا184نەپەر) بۇندىن باشقا يەسلى ۋە تەييارلىق سىنىپئوقۇغۇچىللىرى756نەپەر ئومۇمى پارتىيە ئەزاسى 2002 نەپەر ،ئىتتىپاق ئەزاسى 1007 نەپەر،ئومۇمى پىئونىر 4694 نەپەربولۇپ پارتىيە ئەزاسى ئومۇمى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ%47.9 نى، ئىتتىپاق ئەزاسى ئومۇمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %8 نى ئىگەللەيدۇ پىئونىرلار ئومۇمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %66 نى ئىگەللەيدۇياچىيكىمىزبۇ بىر يىلدا يىزىلىق پارتىكۇ ۋە ناھيىلىك مائارىپ سېستىما پارتىكۇمىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
1. سىياسى-ئىدىيىۋى خىزمەت چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەندى
1) ياچىيكىمىز ياچىيكا تەۋەسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە مەرگىزى كومتىتى17-قۇرۇلتاي روھى، 17- نۆۋەتلىك 3-4 ئومۇمى يىغىن رۇھى، « ئۈچكە ۋەكللىك قىلىش مۇھىم ئىددىيىسى » ۋە پۇخرالار ئەخلاق قۇرلۇشى پىرۇگىراممىسىنى ئەستايىدىل ئۈگىنىپ، ئىددىيە سىياسى جەھەتتە تۇنۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ يۈكسەك سىياسى ئاڭ سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇشقا چاقىرىپ،پارتىيەب ئەزالىرىنى تەربىيەلەش سالمىقى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ بۇ جەھەتتە ياخشى ئۈنۈم ياراتتى.
2) ئاساسى قانۇننى، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۈگىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھۇقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى تونۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
3)ئۈچ تەدبىرنى ئەمىللىلەشتۇرۇش چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەندى. پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى كونكىرىتنىلاشتۇرۇپ ياچايكىدىكى ھەربىر خادىمنىڭ كونكىرىت ۋەزىپىسى بىكلىتىلدى نوختا بەلگۇلەپ مەسئۇل بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.ئىدىيىۋى سىياسى تەربىيە دايىملاشتۇرۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ سىنىپ يىغىنى، ئەتىرەت پائالىيىتى،بايراق چىقىرىش پائالىيىتى،ئائىلە سۆھبىتى تۇرلۇك تەبىرىكلەش پائالىيىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان ئىدىيىۋى سىياسى تەربىيە دايىملاشتۇرۇلدى.مەخسۇس دەرىس سائىتى بىكىتىلىپ ئۈچنى قوغداپ ئىككىگە قارشى تۇرۇش دەرىسخانلاشتۇرۇلدى يەنى دەرىسلىك كىتابى بولۇش دەرىس سائىتى بولۇش،دەرىس تەييارلىقى بولۇش دەرىس ئوقۇتقۇچىسى بولۇش مەزمۇن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى بۇنىڭ بىلەن‹‹ ئۇچ تەدبىر››نىڭ ئەمىللىشى تولۇق ئىشقا ئاشتى.مەخسۇس تەربىيلەش ئارقىلىق «ئۈچنى قوغداپ ئىككىگە قارشى تۇرۇش» تەربىيسى بويىچە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى بىكىتىلدى ۋە مەخسۇس دەرس سائىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «ئۈچنى قوغداپ ئىككىگە قارشى تۇرۇش» تەربىيسى مەخسۇس تىمىلىق دەرس قىلىنىپ مەكتەپنىڭ ئومۇمى دەرس سەتكىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھەربىر سىنىپنىڭ ھەر ھەپتىسىگە كەم دىگەندە بىر سائەت ئورۇنلىشىشغا كاپالەتلىك قىلىندى. بىر تۇتاش دەرسلىك ماتېرىيالى ئىشلىتىلىپ، «ۋەتەننى بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداش، مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ، ئوخشاش بولغان ئوقۇش باسقۇچلىرىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىپ، تەشۋىقات رەسىمى ۋە مەخسۇس تىمىدىكى دەرسلىك دىتالىدىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈلدى  
4) پارتىينىڭ مىللى دىننى سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۈگىنىپ، قانۇنسز دىننى پائالىيەتنىڭ 23خىل ئىپادىسى ، ماركىسىزىملىق بەش قاراش ، سۆزھەركەتتكى 7نى قىلماسلىق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ياخشى ئۈگىنىپ، قانۇنسىز دىننى پائالىيەت ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا پارتىيە ئەزالىرنىڭ جەڭگىۋارلىق ، نەمۇنىلىك رۇلى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇلدى. . «تۆتنى بىلىپ، تۆتنى ئېنىقلاپ، تۆتنى ئىگەللەش» خىزمەت تۈزۈمى مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلۇپ، مەكتەپ ئائىلە، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن تەركىپ تاپقان مۇكەممەل بىر سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش تورى قۇرۇپ چىقىلدى.
«تۆتنى بىلىپ، تۆتنى ئېنىقلاپ، تۆتنى ئىگەللەش» خىزمەت مېخانىزىمىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت ئەمەلىيتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇقۇملۇقنى قوغداش مەسئۇلىيەت چىگرىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سىنىپ مۇدىرى سىنىپنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە ئوقۇتقۇچى كەنت مەھەللىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمى يۈرگۈزۈلۈپ، ھۆددىگە ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالى، ئىددىيە ئەھۋالى، بېرىش- كىلىش ئەھۋالى، مەكتەپ سىرتىدىكى ھەرىكىتى، ئائىلىسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسى قىياپىتى، دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەھۋالى، ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالى، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، قانۇن- تۈزۈمگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نىشانى ۋە جەمئىەت بىلەن بولغان ئالاقە ئەھۋالى، ئەتراپ مۇھىتى، تۇرۇشلۇق كەنت مەھەللىلىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى قاتارلىقلار ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيتى نازارەت قىلىندى. «ئۈچ تەدبىر» ۋە «تۆتنى بىلىپ، تۆتنى ئېنىقلاپ، تۆتنى ئىگەللەش» خىزمەت مېخانىزىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تۈرلۈك خىزمەتلرىمىزدە ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
5) تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىللىرى ۋە كىچىك رادىئو پونكىتلىرىنڭ رۇلدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرنىڭ 23خىل ھەركەت ئىپادىسى، 17- نۆۋەتلىك 3-4 ئومۇمى يىغىن قارارلىرىنى، ماركىسىزىملىق مىللەت نەزەرىيىسى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىپ، دىننىڭ مائارىپقا سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەندى.
6) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىققا ئەھىيەت بىرىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقدىكى نەمۇنچى شەخىس ۋە كوللىكتىپلار مەيدانغا كەلتۈرۈلدى.
7) پارتىيە ئەزالىرى ئايدا ئىككى قېتىم ئۈگىنىشكە تەشكىللىنىپ، ئۈگىنىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.
8) ھەر ماۋسۇمدا بىرقېتىم پارتىيە ئەزالىرىنى دىمگۇراتتىك باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى باھالىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
9) پارتىيە ئەزالىرى ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ خالىسانە تۆھپە قۇشۇپ ، خەلىق ئۈچۈن ئىشلەش رۇھىنى جارى قىلدۇرۇپ ، مەكتەپ ، ئائىلە ، جەمىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە تەربىيىسى ياخشى ئىشلەپ پارتىيە خاتىرجەم خەلق رازى بولدىغان مائارىپ قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس ياراتتى.
10) پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلىكتۇرۇنلۇق ئوقۇتۇش ئارقىلىق تەربىيەلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھازىرقى زامان زامانىۋى بىلىملەر بىلەن ئۇلارنى تەربىيىلەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.
11) كەڭ پارتىيە ، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا پارتىيىنىڭ مىللى دىننى سىياسىتىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ بۇھەقتە مەخسۇس مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىشىپ قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قاتنىشش ، رۇزا تۇتۇش ، ناماز ئوقۇشتەك قىلمىشلارنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، سوتسىيالىستىك مائارىپ بازىسىنىڭ ساغلاملىقى كۈچلۈك قوغدالدى .
12) ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىيە ئەزالىقغا ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلغار دىن قىلىپ يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.  
13) باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ «سوتسىيالىستىك 8شەرەپ، 8نومۇس» قارىشىنى ئەمىليەتتە كۆرسىتىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، بارىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شۇنداقلا، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسىي ئېڭى ئۆستى،بازا ئىڭى مۇستەھكەملەندى. ئىدىيىسىدە «سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس» كۆز قارىشى چۇڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئۆز ھەرىكەتلىرىدە بۇنى ئەمەلىيەتكە ئەايلاندۇرۇش ئىرادىسى كۈچەيدى.
2.پارتىيە قۇرۇلۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەندى
پارتىيە ئەزالىرى قۇشۇن قۇرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەڭ پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ نەمۇنلىك ، ئاۋانگىراتلىق رۇلى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ياچىيكىمىز تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى:
1)بىر قولدا مۇقۇملۇقنى بىر قولدا  ئوقۇتۇشنى تۇتۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا پارتىيە قۇرلىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ياچىيكا تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىددىيە ئىستىل قۇرلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، پارتىيە ياچىيكىسى رەھبەرلىكدىكى مەكتەپ رەھبەرلىكىنڭ «ئۈچىنى قوغداپ ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش » جەھەتتىكى كونكىتىنى مەسئۇل بولۇش تۈزىمى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى ئۈگىنىشنى دائىملاشتۇرۇش تۈزىمى ، سىڭىپ كىرىشكە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش بىلملىرنى دەرسخانىلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ھەقىقى ئەمىللەشتۈرۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىننى قەتئى تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇردىغان سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۇنلىشىدە چىڭ تۇردىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرۇش ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
2) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈگىنىش، دىمگۇراتتىك باھالاش، «ئۈچ يىغىن ، بىردەرس» تۈزىمنى ئومۇمى يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقنى تالىشش ، مۇنەۋۋەر بۇلۇشقا ئىنتىلىش ئاكتىپچانىلىقنى قوزغۇتۇلۇپ، تەشكىلى ئىنتىزام ۋە خىزمەت تەرتىۋى قېلىپلاشتۇرۇلدى.
3) پارتىينى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشتە پارتىيگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە شەرتى تۇشىدىغان 39 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاكتىپلارنى نوختىلىق تەربىيەلەپ پارتىيگە قۇبۇل قىلىش شەرتىنى ھازىرلاش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سالمقىنى ئاشۇرۇپ ئومۇمى پارتىيە ئەزاسىنى 202نەپەرگە يەتكۇزدۇق، پارتىيە ئەزالىرىنى نىشانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزىمى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇكەممەلەشتۇرۈلۈپ، ئۇلارغا بولغان ئىددىۋى تەربىيە كۈچەيتىلىدى .
4) پارتىيە ، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش تۈزىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ئۇلارغا بولغان ئىددىۋى تەربىيە كۈچەيتىلىدى . ئۇلارنىڭ سۆز ھەركىتى تۈزۈم ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، دىمگۇراتتىك ئاساستا نازارەت قىلشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ياچىيكىسىنى يادرو قىلغان تۈرلۈك يۈرشلەشكەن تەشكىلاتلارنىڭ رۇلى جارى قىلدۇرۇلدى .
5) پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان تەربىيلەش كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆزلىكسىز ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكگە تەسىر يەتكۈزدىغان مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قەتئى قارشى تۇردىغان ياخشى بىر پارتىيە ئەزالىرى قوشۇننى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشقىلارغا ئۆلگە بۇلۇش، يىڭلىق يارتىش، جەڭگىۋارلىق ، نەمۇنىلىك رۇلى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇلدى.
6) پارتىيە ئىستىلى ، پاكلىق قۇرلىشى بۇيىچە مەسئۇلىيەت تۈزىمىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە ئىچى – سىرتىدىكى ئاممىنىڭ پىكىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ھەم رەھبىرى كادىرلارنى دىمگۇراتتىك باھالاش ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپلەردىكى قالايمىقان ھەق ئېلىش ، نامۇۋاپىق سېلىق چېچىشتەك ئىستىلى چىرىكلىشش ئەھۋالى قەتئىي سادىر بولمىدى . مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش مەكتەپ مالىيەسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن كوپ قىتىم مۇپەتتىش قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇسسۇلى ئارقىلىق ئوقۇتۇش شارايىتى ياخشىلاندى.
7) دىننىڭ مائارىپقا سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، مەكتەپتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك مائارىپ بازىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشتا كەڭ پارتىيە ، ئىتتپاق ئەزالىرى ئۈزىنىڭ ئاۋانگىراتلىق رۇلىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇشتا مەيدانى مۇستەھكەم ، بايرىقى رۇشەن بۇلۇپ، بۇ مەسلىدە كەڭ پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى «قىلچە مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن ئاڭ بىلەن سىياسىي سەزگۈرلىكىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى باشتىن ئاخىر سۆز ھەركەتتە پارتىيە مەرگىزى كومتىت بىلەن بىردەك بۇلۇشنى ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى .پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردا« كىم ئۈچۈن ئادەمتەربىيەلەش،قانداق ئادەم تەربىيەلەش.ئادەمنى قانداق تەربيەلەش››ئىددىيسى تۇرغۇزۇلۇپ كەلگۇسى ئەۋلاتلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
8) كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بىلىملىرنى ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ، پارتىيىنىڭ ئاساسلىق لۇشەن ، فاڭجىن ، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۈگىنىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋەزىپىلەردىن تۇلۇق خەۋەردار بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە كۆرستىلگەن ھۇقۇق مەجبۇرىيەتلەرنى تۇلۇق ئادا قىلىپ ، پارتىيگە سادىق بۇلۇپ، پارتىينڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغداش كۈرشىدە ئۈزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇردى ، پارتىينىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش ، بارلىقىنى ۋەتەن ، خەلىق ئۈچۈن بېغىشلاشتەك ئالى جاناپ رۇھىنى تىكلىدى. ياش ئۆسمۈرلەرنى ھەقىقى ئاتىزىمچىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ تىرىشىپ ئىشلىدى.
9) مەكتىۋىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ ، ئۇلارغا پارتىينىڭ نۆۋەتتىكى فاڭجىن سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ۋەزىيەتكە يېقىندىن ماسلىشدىغان قىلىپ تەربىيلەپ ، ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش ، تۇرمۇش جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمىتىگە ياخشى ئېتىبار بېرىلدى.
10) ئىتتىپاق تەشكىلى خىزمىتى تەرتىپكە سېلىنىپ بۇبىر خىزمەتكە ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق، ئىتتىپاق ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىلغار ئاكتىپلارنى تەربىيلەپ، ئۇلارنىڭ نەمۇنلىك رۇلى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە بۇ ئاساستا ئاكتىپلارنى پارتىيىگە قۇبۇل قىلىپ يىتىشتۈرۈش ئارقىلىق پارتىيە قۇرلىشى مۇستەھكەملەش خىزمىتى يېڭى ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى.
11) مەكتىۋىمىزنىڭ ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇش قەدىمنى تىزلىتىش جەھەتتە، كەڭ پارتىيە ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك ، ئۆلگىلىك رۇلىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ئۈگىنىش ، خىزمەت ۋە تەشكىلى تۈزۈم جەھەتتە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئىجابى جەھەتتە باشلامچى بۇلۇش ، يېڭىلىق يارتىش ، ئىجات قىلىش ، بۆسۈش جەھەتتە مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىگە زىچ ماسلىشىپ ، ئالدىن مېڭىش تەلىپى ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
12)يىزىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى  ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى نەزەرىيە ئۈگىنىشكە بولغان تەلەپ كۈچەيتىلىدى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۈگۈنۈش ئەمىليەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ ئوقۇتقۇچى –ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيە مەيدان مەسىلىسى ھەل قىلىندى،بىر تەرەپتىن ئۈگۈنۈش بىر تەرەپتىن مۇزاكىرە قىلىش بىر تەرەپتىن تۈزۈتۈش گىرەلەشتۈرۈلۈپ ئۈگۈنۈش ئۈنۈمى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۇپ مائارىپ خىزمىتىمىزنىڭ ئىلمى سىجىل تەرەققىياتىغا ئاساس سىلىندى.  مەرگەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ، زۇراۋان تىرورچىلارغا قاتتىق زەربە بىرىش ، جەمىيەت مۇقۇملىقىنى قوغداش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى، مەكتەپلەرنىڭ نۇرمال بولغان ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ، ئىتتىپاق ئەزالىرى باشلامچىلىق ۋە يىتەكچىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.ئۇرۇمچىدە ‹‹5-ئىيۇل››ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كىيىن ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھايىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ ‹‹ئۈچ خىل كۇچلەر››نىڭ رەزىل ماھايىتىنى ئىچىپ تاشلاپ كەڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيە تونۇشى بىرلىككە كەلتۇرۇلدى.ۋەقەنىڭ خەلق ئاممىسنىڭ تۇرمۇشى ۋە جەمىيەتكە كەلتۇرگەن ئىغىر زىيىنى تونۇپ يىتىلدى. كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ مەخسۇس مائارىپ سىستىمىمىزدىن 20كىشىدىن تەركىپ تاپقان تەشۋىقات ئەتىرىتى 4گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ يىزىمىزدىكى 7300ئائىلىگە كىرىپ34685 ئادەمگەيۈز تۇرانە تەشۋىق قىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنى زور بىلىمگە ئىگە قىلىندى شۇنىڭ بىلەن ‹‹ ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق بەخىت-سائادەت،بۆلگۈنچىلىك ،مالىمانچىلىق بالايى ئاپەت›› دىگەن ئىددىيە تۇرغۇزۇلۇپ تەرەققىياتنىڭ مۇقۇملۇقتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىدەك پاكىت تىخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى
پارتىيە قۇرلىشىنى كۈچەيتىپ ، ئاكتىپلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتە :
پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيىگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى كۆپلەپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، تەۋەيىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىچىدىن خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئاكتىپ ئىشلەۋاتقان، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك، ئاممىغا باشلامچى بولالايدىغان تىپلارنى تاللاپ، ئۇلارنى يىلدىن يىلغا تەربىيىلەپ، سانىنى كۆپەيتىپ، پارتىيە قوشۇنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاندى. نۆۋەتتە بۇيىل39نەپەر ئاكىتىپ ياش تەربىيەلىنىپپارتىيە ئەزالىقلىققا قوبول قىلىندى يەنە  20نەپەر ئاكتىپ تەربىيىلىنىۋاتقان  بولۇپ، بۇ ئاكتىپلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ، ئۇلارغا پارتىينىڭ نۆۋەتتىكى فاڭجىن سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ، ۋەزىيەتكە يېقىندىن ماسلىشش ھەققىدىكى تەربىيىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ پارتىيە قوشۇنىغا تېزراق قوشۇلۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنىڭ تېزراق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن كاپالەتلىك قىلىندى.
بىز بۇندىن كېيىنكى پارتىيە خىزمەتلىرىمىزدە، يىلسىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىغا بولغان تەلەپ ۋە نىشانلارنى تەدرىجى ئاشۇرۇپ،پارتىيە 17-قۇرۇلتاي 4-ئومۇمى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تىخىمۇ ياخشىلاپ ئۈگۈنۈشچان پارتىيە قۇرۇش نىشانىنى بويلاپ،پارتىيە ياچايكا قۇرۇلۇشىنى كۈچايتىپ ئۈچ تۇرلۇك تەدبىرنى ئەمىللەشتۈرۈشنى تىخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈپ دىننىڭ مائارىپقا سىڭىپ كىرىشىنى قەتئى چەكلەپ قانۇنسىز دىنى پائالىيەتكە قەتئى قارشى تۇرۇپ مائارىپ بازىمىزنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ ياخشى بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ زورىيىشىنى يېڭى بىر دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، مائارىپ سىستىمىمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇكەممەللىكى ئۈچۈن تىرىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.
 
 
بۇلاقسۇ مائارىپ پارتىيە ياچىيكىسى
2009-يىلى12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تەھىرلىگۇچى:قۇياش ئوغلى

sohukنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[قانۇن تۇزۇم] مائارىپ قانۇنلىرى [ 2011-04-13 11:19:45 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] سۇئاللار [ 2011-04-13 11:05:48 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يىللىق خىزمە [ 2010-06-20 12:15:53 ]



ياخشىكەن
(9)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
sohuk تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-04-12 16:04 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-10-19 20:10
تەۋسىيەلەر