![]() |
![]() |
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىدە
ئەمەلىي مەزمۇنلار ئىپادىلەندى يېقىندا يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭدىكى كەڭ ئەمگەكچىلەرگە ئەمەلىي ياردەم بېرىش ئوتتۇرغا قويۇلدى. يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ يېزا-بازار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى لېكىن بويى پاكار بولغانلىقتىن نەتىجىسى لاياقەتسىز چىققان 11 نەپەر تەكلىپلىك خىزمەتچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. چارىدە مۇشۇ خىل ئەھۋاللار كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار مەزمۇنلار تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى ھوقۇقىغا ئەمەلىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىش ئورنىنى ئىختىيارى تاللاش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بۇلۇشى بەلگىلەندى؛ ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا مىللىتى، ئېرىقى، جىنسى، دىنى ئېتىقادى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقى ياكى مېيىپلىقى كەمسىتىلمەيدىغان بولدى. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ تۇنجى يىللىرى مەبلەغ قىيىنچىلىقى ئەڭ باش قاتۇرىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. رىزۋانگۈل ئەخمەت 2005-يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى توپا-تاش بىناكارلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل خىزمەت تاپالماي كەلگەن ئىدى. كىيىن ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئاز سوممىملىق كېپىللىك قەرزى ئېلىپ، ناھىيەدە ئاشخانا سايمانلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئائىللەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مەركىزى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىغا يەتتى. چارىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ قانۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رىزىۋانگۈلگە ئوخشاش نۇرغۇن ئىشسىزلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىلدى. چارىدە باج كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئالاھىدە ئىجتىمائىي توپلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. چارىدە يەنە ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كەسپى ئورۇنلارغا ئىشچى-خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلىش، تەكلىپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىملىرى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئېتىبار بېرىش ئوتتۇرغا قويۇلدى. ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ يەرلىك ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىنى ئالدىن قوبۇل قىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
|



