پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەردىن ھەربىي مە

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-11 22:46 مەنبەسى: خەلق رادىئو تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئالىي مەكتەپلەر ھەربىي مەشىقنى زۆرۈر دەرسلىك ۋە مائارىپ پىلانىغا كىرگۈزىدىكەن، ھەربىي ماھارەت مەشىقى ئىككى-ئۈچ ھەپتە، ئەمەلىي مەش
تەلەي +1

 

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەردىن ھەربىي مەشىقنى زۆرۈر دەرسلىك

 

قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەردىن ھەربىي مەشىقنى زۆرۈر دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى
 

مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 5-فېۋرال ئېلان قىلغان ھۆججەتكە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەر ھەربىي مەشىقنى زۆرۈر دەرسلىك ۋە مائارىپ پىلانىغا كىرگۈزىدىكەن، ھەربىي ماھارەت مەشىقى ئىككى-ئۈچ ھەپتە، ئەمەلىي مەشىق 14 كۈندىن ئاز بولمايدىكەن.

ھۆججەتتە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئوقۇغۇچىلارنى ھەربىي مەشىق قىلىشقا تەشكىللەش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئازادلىق ئارمىيە بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ھەربىي مەشىققە پائال مەدەت بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ھەربىي مەشىقنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر. دۆلەت مۇداپىئە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھەربىي، سىياسىي مەشىقنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش، ئۇنى دەرسىلىك سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت مۇداپىئە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى دائىملىق تەربىيە ۋە مەشىق قىلىشتا زۆرۈر بولغان مەيدان، ئەسلىھە ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلەش، دۆلەت مۇداپىئە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسىمنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىش كېرەك.

ھۆججەتتە: ئالىي مەكتەپلەر ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، فىلولوگىيە، ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسىپلىرىدە ئومۇمىي ئوقۇتۇش نومۇرى (ئوقۇش ۋاقتى)دىكى ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %15كە، تەبىئىي پەن، دېھقانچىلىق، تېببىي پەن تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسىپلىرىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 25%كە، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ۋە مەخسۇس كۇرس تۈرىدىكى كەسىپلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %50كە يەتكۈزۈشى، پېداگوگىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاز دېگەندىمۇ بىر مەۋسۇم ئەمەلىيەت دەرسىگە قاتنىشىشى، كەسپىي ئۇنۋان بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئىدىيە، سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكلىرىدىمۇ ئەمەلىيەت ھالقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] تۇنجى ئاۋدىفون [ 2012-02-12 00:25:27 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى تىپتىكى تانكىلار [ 2012-02-12 00:24:20 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:20:48 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:18:14 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:15:57 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:13:31 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:09:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] خورەك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ [ 2012-02-11 23:28:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ قۇلاق ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىڭ [ 2012-02-11 23:26:07 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا بۇ يىلدىن ب [ 2012-02-11 23:24:37 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر