ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلىملىرى ئوت بىرخىل تەبىئى ھادىسە بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ياخشى دوستى بولۇپلا قالماي ئىنسانلارغا نۇر ۋە ئىسسىقلىق ئېلىپ كىلىدۇ، ئەمما ئوت ئۆزىنىڭ كونتىروللىقىنى يوقاتقاندا ئاپەت پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە غايەت زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ . l نۇرغۇن ساۋاقداشلار ئوتقا قىزىقىدۇ، دائىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىدىن يوشۇرۇن ئوت ئوينايدۇ، بەزى ساۋاقداشلار قەغەز كۆيدۈرۈشنى، ئوت قالاپ ئويناشنى، كېرەكسىز نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما يۇقارقى ئىشلار ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى خەۋپلەردۇر . l ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەركەت ئۆلچىمىدە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماكا چىكىشى چەكلەنگەن، ئەمما بىر قىسىم ساۋاقداشلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يوشۇرۇن مەكتەپ سىرتى ۋە ھاجەتخانا قاتارلىق جايلاردا يوشۇرۇنچە تاماكا چېكىدۇ، مۇشۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئوقۇتقۇچى ياكى ئائىلە باشلىقى كىلىپ قالسا تاماكىسىنى دەرھاللا يەڭ ئىچى ۋە كەينىگە يوشۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆچۈرۈلمىگەن تاماكا يەڭنى، قولنى ۋە كىيىم-كىچەكنى كۆيدۈرۈپ ئادەمنى زەخمىلەندۈرۈشتەك ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ . l ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى سورۇنلاردا يەنى سودا سارىيى، مىھمانخانا، كۈتۈپخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە قىزىل رەڭلىك ئوتتىن سىگىنال بىرىش ئۈسكۈنلىرى ئورنىتىلغان بولىدۇ، ساۋاقداشلار بۇ ئۈسكۈنىلەرگە قەتئىي چىقىلماسلىق لازىم. ئوت ئۆچۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى، چېلەك، سۇ ناسۇسى قاتارلىق مەخسۇس ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سايمانلىرىنى خالىغانچە ئۆز ئورنىدىن يۆتكىمەسلىك لازىم . l كىيىم-كىچەككە دەزمال سېلىش ئۈچۈن دەزمال ئىشلەتكەندە دەزمالنى چوقۇم دەزمال قويغۇچ، ئوتقا چىداملىق خىش، تاش تاختاي قاتارلىق نەرسىلەر ئۈستىگە قويۇش لازىم، ئۇنداق بولمىغاندا قىزىق دەزمال ئاسانلا ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . l قىش كۈنلىرى مەش ئەتراپىغا كېرەكسىز قەغەزلەرنى، ياغاچلارنى دۆۋلەپ قويماسلىق، ھەمدە كىيىم قۇرۇتقاندا مەشكە يېقىن قويماسلىق لازىم . مەشنىڭ كۈلىنى تۆككەندىمۇ چوقۇم كۈل ئارىسىدىكى چوغ تولۇق ئۆچۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنى بىخەتەر ئورۇنغا تۆكۈش كىرەك، ھەرگىزمۇ چوغ بىلەن قوشۇپ تۆكمەسلىك لازىم . l گاز تۇڭىنى ئوتتىن يىراق ئورۇنغا قويۇش، گاز تۇڭىنى ئوتقا قاقلاپ ياكى تەتۈر قىلىپ قويماسلىق، گاز ئوچاقتىن گاز سىرتقا چىقىپ كەتكەندە چوقۇم ۋاقتىدا گاز چىقىپ كەتكەن ئورۇننى رىمۇنىت قىلىش ھەمدە ئىشىك، دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش لازىم . l ئوت كەتكەندە ساۋاقداشلار ھودۇقماي سالماق بولۇپ، دەرھال 119تېلفۇنىغا تېلفۇن ئۇرۇپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش، ئوت ئاپىتىنى مەلۇم قىلغاندا ئوت كەتكەن ئورۇن، كوچا، ئىشىك نۇمۇرىنى ئېنىق مەلۇم قىلىش ھەمدە قانداق نەرسىگە ئوت كەتكەنلىكى قاتارلىقلارنىمۇ ئېنىق مەلۇم قىلىش لازىم . l سۇ ئائىلىدىكى ئەڭ ئاددى ئوت ئۆچۈرۈش سۇيۇقلۇقى، ئەگەر قەغەز، ياغاچ، لاتا قاتارلىقلارغا ئوت كەتكەندە سۇ بىلەن ئۆچۈرۈش، ئەمما ئىلىكتىر سايمانلىرى، ياغ ، ئىسپىرىت، يېقىلغۇ مايلىرى قاتارلىقلارغا ئوت كەتكەندە سۇ بىلەن ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . l ئۆيگە ئوت كەتكەندە ئۆزىمىزنى قۇتقۇزىشىمىز، ئەگەر ئوت تورۇسقا تۇتۇشۇپ كەتكەن بولسا دەرھال ھۆل لاتا تېپىپ ئېغىز بۇرنىمىزنى ئىتىشىمىز ھەمدە ئۈستىمىزگە ھۆل ئەدىيال ۋە يوتقاننى ئارتېۋىلىشىمىز، بولۇپمۇ باش قىسمىمىزنى ياخشى قوغداپ سىرتقا چىقىشىمىز، ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئوتتىن قۇتقۇزىمىز دەپ تۇرۇپ قالماسلىقىمىز لازىم . l تېياتىرخانا، سودا سارىيى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، كىنوخانا، سودا سارايلىرىغا كىرگەندە ناۋادا ئوت كىتىپ قالسا ياكى خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلسە بىخەتەر چىقىش ئېغىزلىرى ئارقىلىق چىقىپ كىتىش، ھەرگىزمۇ ئالدى-كەينىگە، ئۇياق-بۇياققا يۈگرەپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەسلىك، چىقىش قولايلىق بولغان ئورۇننى تاللاپ سىرتقا چىقىش، تىياتىرخانىدا بولسا سەھنە تەرەپكە قاراپ ماڭماسلىق، چۈنكى سەھنە تەرەپتە ئاساسەن چىقىش ئېغىزلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولىدۇ .
|


