1 . خەنزۇچە خەتنىڭ سانى قانچە؟ ئومۇمەن خەنزۇتىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا خەنزۇچە خەتنىڭ سانىغا نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچە يوق .مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچە خەت سان-ساناقسىز ،قانچە ئۆگەنسىمۇ ئۆگىنىپ بولالمايمىز دەپ قارايدۇ .بۇخىل كۆز قاراش ئۇلارنىڭ خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە روھىي جەھەتتىن زور توسالغۇ بولماقتا .ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى چىگىش سۇئاللىرىغا ئېنىق جاۋاپ بېرىش مەقسىتىدە ،بۇ مەزموندا خەنزۇچە خەتنىڭ ئومۇمىي سانى قانچە ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىدىغان خەتنىڭ سانىچۇ ،بىر ئادەم زادى قانچىلىك خەت بىلسە خەنزۇچە خەتتىن ساۋادى چىققان بولىدۇ ،خەنزۇچە خەت ئۆگىنىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ،دىگەندەك سۇئاللار ئۈستىدە توختىلىمىز . ⑴ خەنزۇچە خەتنىڭ ئومۇمىي سانى خەنزۇچە خەتتىن زادى قانچىسى بار ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىش ئاسان ئەمەس ،چۈنكى بۇ سان توغرىسىدا تا ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ئېنىق بىر سىتاتسىتىكا قىلىپ باققان ئەمەس .بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بىز قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر بىسىلىپ چىققان خەت لوغەتلىرىدىكى خەتلەرنىڭ سانلىرىدىن پايدىلانساق ،بۇ سۇئالغا جاۋاب تاپالايمىز .ئۇنداقتا بىز تۆۋەندىكى لوغەتلەرگە كىرگۈزۈلگەن خەتلەرنىڭ سانىغا قاراپ باقايلى : خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شۈشېن (许慎 ) تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «خەتلەرگە ئىزاھ» ) 说文解字)لوغىتىگە جەمئىي 10516 خەت كىرگۈزۈلگەن ؛ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (1716 –يىلى)چېن تىڭجىڭ (陈廷敬 )تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «كاڭشى خەت لوغىتى »(康熙字典 )گە جەمئىي 47043 خەت كىرگۈزۈلگەن ؛ 1915-يىلى تۈزۈلگەن«جۇڭخۇا خەت لوغىتى»(中华大字典 )گە جەمئىي 48000 دىن ئارتۇق خەت كىرگۈزۈلگەن ؛ 1990-يىلى شۇ جوڭشۇ (徐中舒 )تەرپىدىن تۈزۈلگەن «خەنزۇچە خەت لوغىتى» (汉语大字典)گە جەمئىي 54678 خەت كىرگۈزۈلگەن . بۇ سانلاردىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ،يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ،جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ خەنزۇچە خەتنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ ماڭغان .يۇقىرىدىكى «خەنزۇچە خەت لوغىتى»گە كىرگۈزۈلگەن خەتلەرنىڭ سانى خەنزۇچە خەتنىڭ ئۇمۇمىي سانىغا ئاساسىي جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلالىسىمۇ ،لېكىن بەزى مۇتەخسسىسلەر يەنىلا خەنزۇچە خەتنىڭ ئومۇمىي سانى 60 مىڭ ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلىشماقتا . خەنزۇچە خەتنىڭ سانى ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ بولۇپ ،بۇ سان تارىختىن بۇيان توپلانغان خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئەمما بۇ ساننىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەتلەر ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقان بۇلۇپ ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلمەيدۇ .ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدا داۋاملىق ئىشلىتىلىۋاتقان (دائىم ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )خەتلەرنىڭ سانى پەقەت 10 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن .مەسلەن ،ھازىر كىشىلەر كۆپ ئىشلىتىۋاتقان ،تەسىر دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بولغان «ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى لوغىتى»(现代汉语词典 )گە 10 مىڭ 297 خەت كىرگۈزۈلگەن .بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سىتاتىسىتىكا قىلىشىچە ،بۇ خەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ھازىر دائىم قوللىنىلمايدىغان خەتلەرنى ۋە مەشھۇر بولمىغان تاغ-دەريا ،يەر-جاي ناملىرىنى ھەمدە قەدىمكى ئادەم ئىسىملىرىنى چىقىرىۋەتكەندە پەقەت 5مىڭ 888 دانىلا خەت قالغان . دىمەك ،يۇقىرىدىكى سان-سىفىرلاردىن شۇنى ئاسانلا كۆرۈۋالالايمىزكى،خەنزۇچە خەتنىڭ سانى ھەرگىزمۇ سان-ساناقسىز ئەمەس.بىزگە تونۇشلۇق بولغان بەزى داڭلىق ئەسەرلەردە ئىشلىتىلگەن خەتلەرنىڭ سانىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق ،بۇ نوقتا تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ .مەسلەن،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»رومانى ئوخشاش بولمىغان 4462 خەت بىلەن ،لاۋشېنىڭ «شىياڭزى تۆگە»ناملىق ئەسىرى ئوخشاش بولمىغان 2413 خەت بىلەن ،سۈنجۇڭشەن ئەپەندىنىڭ «ئۈچ مەسلەك»ناملىق ئەسىرى ئوخشاش بولمىغان 2134 خەت بىلەن ،«ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»نىڭ بەش تومى ئوخشاش بولمىغان 3136 خەت بىلەن يېزىلىپ پۈتكەن . ⑵ ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەتلەرنىڭ سانى خەنزۇچە خەتنىڭ ئومۇمىي سانى گەرچە ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ،لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەتلەرنىڭ سانى بۇنداق كۆپ ئەمەس .ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەتلەرنىڭ ئىچىگە ئادەم ئىسمى ،يەر-جاي نامى ۋە پەن-تېخنىكا مەخسۇس ئاتالغۇلىرىدىن باشقا خەتلەرنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ .ئۇنداقتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەتلەرنىڭ سانى زادى قانچىلىك ؟ 1988-يىلى دۆلەتلىك تىل كومىتېتى بىلەن دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى بىرلىكتە «ھازىرقى زامان خەنزۇتىلىدىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەتلەر جەدۋىلى»نى ئېلان قىلدى . بۇ جەدۋەلگە جەمئىي 3500 خەت كىرگۈزۈلگەن . بۇ 3500 خەت كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەتلەر بۇلۇپ ،بۇ خەتلەر ھازىر نەشىردىن چىقىۋاتقان ئادەتتىكى كىتاب ۋە گېزىت-ژورناللاردا نەشىردىن چىقىۋاتقان خەتلەرنىڭ% 99.48 ىنى ئىگىلەيدۇ .ئالاقىدار مۇتەجەسسىسلەر دائىم ئىشلىتىدىغان بۇ 3500 خەتنىڭ ئادەتتىكى نەشىر بۇيۇملىرىدا ئىشلىتىلگەن قېتىم سانىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بويىچە ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈپ چىققان .بۇ ئۈچ دەرىجە مۇنداق :ئىشلىتىلىش قىتىم سانى جەمئىي 560 بولۇپ ،بۇ خەتلەر ئادەتتىكى نەشىر بۇيۇملىرىدا ئىشلىتىلۋاتقان خەتلەرنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدۇ .ئىشلىتىلىش قېتىم سانى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەتلەرنىڭ سانى 940 ئەتراپىدا بولۇپ ،بۇ ساننى 560 قا قوشساق 1500 بولىدۇ .بۇ سان ئادەتتىكى نەشىر بۇيۇملىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان خەتلەرنىڭ % 96 تىن كۆپرەكىنى ئىگىللەيدۇ .ئىشلىتىش قىتىم سانى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەتلەرنىڭ سانى 2000 بولۇپ ،بۇ ساننى يۇقىرىقى 1500 گە قوشساق ،3500 بولىدۇ . ئەگەر بىر كىشى دائىم ئىشلىتىلىدىغان 3500 خەتنىڭ ھەممىسىنى بىلسە ،ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئادەتتىكى گېزىت-ژورنال ۋە كىتابتىكى خەتلەرنى تۇنۇش نىسبىتى% 99.48 كە يېتىدۇ ،مۇنداق قىلىپ ئېيتقاندا ،ھەر 100 خەتنىڭ ئىچىدىن بىرنى تۇنۇماسلىق مۇمكىن .ھالبۇكى بۇ بىر خەت شۇ يۈز خەتنىڭ مەزمونىنى چۈشىنىشىمىزگە چوڭ تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ . تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|

