باش بەت

مەكتەپ مۇدىرلىرىغا تەكلىپ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-23 00:40 مەنبەسى: ئاپتورى: 火心0995 كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەكتەپ مۇدىرلىغا بىر قانچە تەكلىپ مائارىپ سىپىمىزدە ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى مەۋجۇت. بىزدە مەكتەپ مۇدىرلىرى قانداق ساپالار
تەلەي +1

 

مەكتەپ مۇدىرلىغا بىر قانچە تەكلىپ
مائارىپ سىپىمىزدە ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى مەۋجۇت. بىزدە مەكتەپ مۇدىرلىرى قانداق ساپالارنى ھازىرلىشى كېرك؟ مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ قانداق كىشلەر مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇشقا لايىق؟ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئولىيتى زادى نىمە ؟ دىگەنگە ئوخشاش مەسىللەر ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە بۇلۇپ تۇرىدۇ. مەن تەنتەكلىك قىلىپ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم ئاساسىدا يىڭىدىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان ياكى بولماقچى بولۋاتقان كەسپداش دوستلارغا بىر قانچە تەكلىپ بەرمەكچىمەن.
   1.ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، ئۆز مەسئولىيىتىڭىزنى تۇنۇڭ، سىز مەكتەپنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىسىز، سىزنىڭ ئەخلاقىڭىز پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئەخلاقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۇنكى سىز مەكتەپنىڭ ۋەكىلى. شۇڭا جۈرئەتلىك بۇلۇڭ،سىزدە «مۇتلەق ھۇقۇق»مەۋجۇت ئەمەس.«مۇتلەق مەسئولىيەت»مەۋجۇت.
 2. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن –نىزاملىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ. قانۇن بۇيىچە ئىش كۆرۈڭ. ئۆزىڭىزنىڭ قايسى سىنىپ، قايسى پارتىيە ،قايسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقانلىقىڭىزنى ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ . بىخەتەرلىك، مۇقۇملۇق ئىشلىرىغا سەل قارىماڭ.ھەرگىزمۇ باشقىلارنى ئىشقا سىلىپ قۇيۇپ غەمسىز ئولتۇرۋالماڭ.
   3.مەكتەپ باشقۇرۇشتا چارە –تەدبرلىك بۇلۇڭ. تۈزۈملەرنى ئەتراپلىق تۈزۈڭ. تۈزگەن تۈزىمىڭىز ھەرگىزمۇ «باشلىققا ئۈزۈم ،پۇقراغا تۈزۈم » بۇلۇپ قالمىسۇن.
   4.دەرسخانىدىن ئايرىلماڭ ، سىز يەنىلا بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئونتۇپ قالماڭ . ئوقۇتقۇچىلانىڭ ھالىغا يىتىڭ. بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا ئاز-تۇلا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىڭ ، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ پىكىر ئىلىڭ ھەم تۇغرا كۆرسەتمە بېرىڭ . ئۆزىڭىزنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ ئويلىنىڭ. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىشنى قوللاپ –قۇۋەتلەڭ.
5.دىموكراتىينى جارى قىلدۇرۇڭ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئادىل بىجىرىشكە ماھىر بۇلۇپ ،يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
 6.مەكتەپنىڭ تەبئىي مۇھىتىنى قوغداشقا مەبلەغ سىلىڭ ، چۇنكى مۇھىتنىڭ ئۆزى بىر ئوقۇتقۇچى . ياخشى مۇھىت بالىلارنى ياخشى تەربىيگە ئىگە قىلالايدۇ.
 7.ئاتا-ئانىلار ، ئوقۇتقۇچىلاربىلەن پات-پات پىكىرلىشىڭ. ئۆزىڭىز بايقالمىغان مەسىللەرنى ئۇلار سىزگە ئېيتىپ بىرەلەيدۇ. يىغىننى ئاز ئىچىڭ ، ساز ئىچىڭ. ھەرگىزمۇ يۇقلىما ۋاقتىنى يىغىنغا ئايلاندۇرۋالماڭ .
   8.«ياخشى مەكتەپ مۇدىرى ياخشى مەكتەپتىن دېرەك بېرىدۇ» شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى ئوبرازىڭىزنى تىكلەڭ. ھەرگىزمۇ ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.
   9.ھەر قانداق ئىشنىڭ ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇڭ ، ياخشى پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ. ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماڭ. گەپ سۆزگە ماھىر بولۇڭ.
   10.مالىيە باشقۇرۇش ۋە ئىقتىساد ھەل قىلىشتا ئاساسلىق رول ئويناڭ ، شەخسىيەتچى بولماڭ . ھەر قانداق ئىشتا ئاۋۋال تۆۋەندىكى ئاددىي ئوقۇتقۇچىلارنى ئويلاڭ .«مەنپەئەت ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرى بولسىڭىز» ئەلۋەتتە يىڭىلگەن بۇلسىز.
11. ھەر قانداق ئىشنى سېستىملىق باشقۇرۇڭ، ۋەزىپىنى ۋاقىدا تاپشۇرۇپ ، ۋاقتىدا ئورۇندالغان-ئورۇندالمىغانلىقىنى سۆرۈشتە قىلىپ قويۇڭ. نەتىجىسىنى ئوبدان خاتىرە قالدۇرۇڭ.
12. بىلىم ساپايىڭىزنى ، يەنى ناتىقلىق سەنئىتىڭىزنى ،باشقۇرۇش ئىقتىدارىڭىزنى ۋە بىلىمىڭىزنى ئەتراپلىق يۇقىرى كۆتۈرۈڭ. كونىلار شۇنداق دىگەن:
 
كىشى كۆركى يۈزدۇر،
يۈزنىڭ كۆركى كۆز.
كۆزنىڭ كۆركى تىلدۇر،
تىلنىڭ كۆركى سۆز.
13. مەكتەپ مۇدىرىدا كوللىكتىپنى سۆيۈش ، ھۆرمەت قىلىش ،كەمتەر ،سەمىمىي ، چىقىشقاق ، ئۆملۈك قارىشى ،تەشكىللەش ئىقتىدارى يۇقىرى بۇلىشى كېرەك.
14.مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ئىشىنىشى ،ئارتۇقچە گۇمانخور بولماسلىقى ، كۆز-قارنى توق ، قۇرسىقى كەڭ بۇلۇشى ، كوللىكتىپ مال-مۈلىكىگە نەزەر كۆزىنى سالماسلىقى، شەخسىيتىنى كونتىرول قىلالايدىغان بۇلىشى كېرەك.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

火心0995نىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ياردەم قىلساڭلار بوپيىكە [ 2010-11-03 14:54:48 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دائىم قوللىنلدىغان تۇراقلىق ئىبار [ 2010-10-23 02:30:56 ]
[ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت] مەكتەپ مۇدىرلىرىغا تەكلىپ [ 2010-10-23 00:40:47 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
火心0995 تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-09-09 17:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-01-09 12:01
تەۋسىيەلەر