شىنجاڭ كۈمۈش پۇلى ![]()
شىنجاڭ كۈمۈش پۇلى — يەرلىك قەغەز پۇل . 1949–يىلى 1–ئاينىڭ 9–كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بۇرھان پۇل مۇئامىلە جەھەتتە گومىنداڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ ، ئالتۇن پۇل كرىزىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارى ھەم غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جىجۇڭنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۆلكىلىك بانكىغا 5–ئاينىڭ 20–كۈنىدىن باشلاپ كۈمۈش پۇلى تارقىتىشقا بۇيرۇق قىلغان . شۇ ئارقىلىق بازارنى ئالتۇن پۇلنىڭ بېسىمىدىنيېنىكلەتكەن . كۈمۈش پۇل بىر پۇڭلۇق ، بەش پۇڭلۇق ، بىر مولۇق ، ئىككى مولۇق ، بەش مولۇق ، بىر يۈەنلىك ئالتە خىل بولۇپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتتە ئوبوروت قىلىنغان . 5 – ئايدىن 9–ئايغىچە جەمئىي 4 مىليون 342 مىڭ يۈەن كۈمۈش پۇل تارقىتىلغان . لېكىن ئالتۇن پۇلنىڭ شىنجاڭدىكى ئوبورتىنى تولۇق چەكلىيەلمىگەنلىكتىن ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغان . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن 1950–يىلى 1يۈەنلىك ، 5يۈەنلىك ، 10 يۈەنلىك پۇللار داۋاملىق تارقىتىلغان . 10 يۈەنلىك پۇل چوڭ خەتلىك ، كىچىك خەتلىك ئىككى خىل نۇسخىدا بولغان . تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|


