باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولغان تارىخىي ئا

يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05 13:22 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولغان تارىخىي ئاتالغۇلار ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەرەپ قارىشى كۆك تۈرك، ئاق دى، قىزىل دى، قارا خوجا، قاراخانىلار، ئاق

رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولغان تارىخىي ئاتالغۇلار ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەرەپ قارىشى

 

 

     كۆك تۈرك، ئاق دى، قىزىل دى، قارا خوجا، قاراخانىلار، ئاقسۇ، قىزىل قۇم، قارا قۇم، قارا خىتاي، قارا تۈرك، ئاق ھون، ئاق ئوردا، كۆك ئوردا، قارا قىرغىز، قارا ئوردا......بۇ خىلدىكى تارىخىي ئاتالغۇلار كۆپ ئۇچرايدۇ، بىراق ئىزاھلاشتا قىينىلىپ قالىمىز. بۇ توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەبىرلەرمۇ كىشىنى ئانچە قايىل قىلالمايدۇ. مەسىلەن، <قەشقەر خانلىقىنىڭ خانلىرى ئۆزلىرىنى قەدىمكى قاراخانىلاردىن بولغان مەشھۇر قاراخان(ئافراسىياپ) نىڭ ئەۋلادى دەپ قارىغانلىقى قەدىمكى مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن.>(1) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىمۇ  قاراخانىلار توغرىسىدا توختالغاندا، <ئەفراسىياپ دۆلىتىنى ئۆز دۆلىتى، دەپ ئاتىغان قاراخانىيلار، دەل "ئوغۇزنامە"دىكى ئوغۇزخاننىڭ ئاتىسى قاراخان __قاراخان تەڭرى نامىنى قوللاندى.>(2) دەپ قارايدۇ. خەنزۇ تارىخ ماتېرىياللىرىدا قىزىل دىلار توغرىسىدا توختالغاندا، قىزىل كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى دەپ ئىزاھلايدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گەپ بولغاندا، سېرىق چاچ ئۇيغۇر، چاچلىرى سېرىق بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان (3 )،دېگەن قاراش قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئاقسۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ ئاق رەڭدە ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايان. شۇڭا، بۇ ئاتالغۇنى ئىزاھلىغاندا سۇ ئاق دېگەن مەنىدىكى <ئاق سۇ>دىن ئۆزگەرگەن (4) دېگەندەك تەبىرلەر بېرىلىۋاتىدۇ. ئاق ھونلار توغرىسىدا بولسا، تېرىسى ئاق، سۈزۈك بولغاچقا ئاق ھون ئاتالغان، دەيدىغان قاراش مەۋجۇت......
      رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولغان تارىخىي ئاتالغۇلارنىڭ ئورتاق مەنبەدىكىلەر ياشاۋاتقان بۇنچە كەڭ زېمىندا، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي باسقۇچلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بۇنىڭدا بىر خىل ئىچكى باغلىنىش، ئىچكى قانۇنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاتالغۇلارنى قانداق شەرھىلىگەندە ئىلمىي، قايىل قىلارلىق بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەرەپنى رەڭ بىلەن ئىپادىلەش ئادىتى بارلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.
      20 يىل ئاۋۋالمىكىن ئەيتاۋۇر، <ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى > دىن بەيدىڭ قورشاۋى توغرىسىدىكى قۇرلارغا كۆز تاشلاۋېتىپ، ھونلارنىڭ خەن قوشۇنلىرىنى شىمالىي تەرەپنى قارا ئاتلىق، شەرقىي تەرەپنى كۆك ئاتلىق، جەنۇبىي تەرەپنى قىزىل ئاتلىق، غەربىي تەرەپنى ئاق ئاتلىق قورشاپ تۇرغانلىقىنى ئوقۇغىنىمدا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەرەپلەرنى رەڭ بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئادىتى بارلىقىنى بىلگىنىمدە، رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولغان تارىخىي ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئېرىشكەندەك خۇش بولۇپ كەتكەنىدىم. بىراق، رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولغان تارىخىي ئاتالغۇلار بىلەن تەرەپلەرنى سېلىشتۇرۇپ بېقىپ سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم. قىتانلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن قارا خىتاي ئاتالغانغۇ، قارا خىتاينى شىمالدىكى قىتانلار دەپ ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ- دە؟! ئاپتور قەدىمكى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىش جەريانىدا خاتالاشقانمىدۇ؟ ......  كېيىن يەنە بىر كىتابتىنمۇ (قايسى كىتابلىقى ئېسىمدە قالماپتۇ) مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇرلارنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭدىمۇ شەرق تەرەپ كۆك، جەنۇب تەرەپ قىزىل، غەرب تەرەپ ئاق، شىمال تەرەپ قارا دېيىلگەنىدى. 2000-يىلى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ < قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى> نى سېتىۋالدىم. بۇ كىتابتىمۇ "تەرەپلەرنىڭ رەڭلىرى" دەپ تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يۇقىرىقىدىكىگە ئوخشايدىكەن( 5 ). ئاخىرى ھەممە پايدىلانغان مەنبە --- < تارىخنامە> نى ئاختۇرۇپ كۆردۈم(6 )، ئۇنىڭدا دەل شۇنداق يېزىلغانىدى!
       بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە تۆت تەرەپنى ئىپادىلەيدىغان بۇ تۆت خىل رەڭ نامىنى يېزىپ، ئەتراپىغا شۇ رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولغان تارىخىي ئاتالغۇلارنى تىزىپ، ئويلىنىپ باقتىم. كاللامغا سىماچيەنگە ئەھۋالنى دەپ بەرگەن شاھىد يۆنىلىشتە خاتالاشقانمىدۇ؟ دېگەن خىيال كىرىۋالدى. شۇنداق، شىمالنى شەرق دەپ، ياكى شەرقنى جەنۇب دەپ، ياكى جەنۇبنى غەرب دەپ، ياكى غەربنى شىمال دەپ بىلىۋالسا، ھازىرقىدىكىدەك ئەھۋال كۆرۈلەتتى.
                                     شىمال( قارا)
                    شەرق( كۆك)                غەرب( ئاق)
                                    جەنۇب( قىزىل)
        ئانالىز قىلىپ باقايلى:
        1. تىلىمىزدا "قارا"ئاتالغۇسىنىڭ غەرب، كۈن پېتىش مەنىسى بار. شۇڭا، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى  قاراخانىلار توغرىسىدا توختالغاندا، < بۇ نوقۇل "غەربىي"، "ئۇلۇغ" مەنىلىرى بىلەن چەكلەنمىگەن.>( 7) دەيدۇ.
         2. ئەقلىي تەپەككۇردىمۇ كۈن چىقىۋاتقان تەرەپ قىزىل بىلەن، كۈن پارقىراپ تۇرۇۋاتقان چاغدىكى تەرەپ يورۇق مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاق بىلەن، كۈن پېتىپ تۈن قوزغىلىدىغان تەرەپ قارا بىلەن، يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرغان ئاسماننى بىلدۈرىدىغان تەرەپ كۆك بىلەن ئىپادىلەنسە توغرا بولاتتى.
        3. ئەڭ مۇھىمى بۇ تەرەپ رەڭلىرى رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولغان تارىخىي ئاتالغۇلارنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىشى كېرەك .
         يۇقىرىقى قىياس بويىچە، رەڭلەرنى سائەت ئىسترىلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە بىر قەدەم چېكىندۈرۈپ باقتىم:
                                        شىمال( كۆك)
                    شەرق ( قىزىل)                غەرب (قارا )
                                      جەنۇب ( ئاق)
       قارىڭە، بۇ شاھىدلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يۆنىلىشتە خاتالاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟
       ئەمدى، رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كەلگەن، بىزنى خېلى ۋاقىتتىن بېرى قايمۇقتۇرۇپ كەلگەن تارىخىي ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاپ باقايلى:
       1. قارا. غەربكە كۆچۈپ قاراخانىلارنى مۇنقەرز قىلغان قىتانلارنى قارا خىتاي دەپ ئاتىدۇق، بۇ دەل غەربتىكى قىتانلار دېگەنلىك ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، قارا قىرغىز ئاتالغۇسىمۇ غەربكە كۆچۈپ كەلگەن قىرغىزلارنى كۆرسەتكەن بولۇپ، غەربتىكى قىرغىزلار دېگەنلىك بولاتتى.
       قاراخانىلار نىڭ قەشقەرنىڭ غەربىگە جايلاشقان بالاساغۇننى قارا ئوردا ( غەربىي ئوردا ) ( 8)دەپ ئاتىشىمۇ ناھايىتى نورمال بولسا كېرەك.
      ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھازىرقى دىيارىمىزدا ئىككى خانلىقنى قۇردى. بىرى قارا غوجا ( قوچو) خانلىقى( بۇنىڭدا تالاش يوق)، يەنە بىرى قاراخانىلار ( بۇنىڭدا تالاش مەۋجۇت). بىز بۇ ئىككى ئاتالغۇ ئۈستىدە سەل توختىلىپ باقايلى، قارا غوجا خانلىقى قوچو، ئىدىقۇت قاتارلىق ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئورداكەنت جايلاشقان جاي ھازىرمۇ قارا غوجا ئاتىلىۋاتىدۇ، بۇ يەردىكى "غوجا" ئەرەبچە ئاتالغۇ بولماستىن، " قوچو" نىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى، بۇ ئاتالغۇنىڭ توغرىسى قارا قوچو بولىدۇ. يەنى قارا قوچو خانلىقى دېگەنلىك  قوچونى پايتەخت قىلغان غەربتىكى خانلىق بولىدۇ( سەل ھېسسىياتقا بېرىلگەندەك تۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس). بۇ قاراخانىلارنىڭ غەربتىكى خانلىق دېگەن مەنىسىگە ماس كېلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن قۇرۇلغان بۇ خانلىقلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئاتالغۇ جەھەتتىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ، سۇڭ سۇلالىسى خان جەمەتى جەنۇبقا كۆچكەندىن كېيىن جەنۇبىي سۇڭ دەپ ئاتالغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش. بۇ خانلىقلارنىڭ نامىدىكى "قارا"نىڭ "غەرب"( غەربتىكى داۋامى) تىن باشقا مەنىسى يوق، شۇڭا قاراخانىلار ئۆزىنى خاقانىيە دەپ، قارا قوچومۇ ئۆزىنى قوچو دەپلا ئاتىغان. بۇ، كۆك (شىمالىي) تۈرك خانلىقىنىڭ ئۆزىنى تۈرك ئېلى دەپلا ئاتىغانلىقىغا ئوخشايدۇ.
         قاراشەھەر دېگەن ناممۇ دىققىتىمنى تارتتى. بۇ شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا دېگۈدەك جايلاشقان، نېمە ئۈچۈن غەربىي ( قارا) شەھەر ئاتىلىپ قالدى؟ شۇنداق، كاللىمىزغا دەرھال قارا قوچو بىلەن قاراخانىلارنىڭ چېگرىسى كېلىدۇ. غەربىي شەھەر دەپ ئاتالغىنىغا قارىغاندا، قاراشەھەر قوچوغا قارىسا كېرەك؟ ماتېرىيال ئاختۇرۇپ كۆرسەم، قارا شەھەر ھەقىقەتەن قوچو خانلىقىغا قارىغانىكەن.( 9)
          بىزدە يەنە قارا تۈرك ئاتالغۇسىمۇ بار بولۇپ، نادان، ساددا مەنىلىرىنى بىلدۈرەتتى( قىزىقارلىقى بۇ ئاتالغۇ نېمە سەۋەبتىنكىن ھەتتا ئىزاھلىق لۇغەتكىمۇ كىرگۈزۈلمەپتۇ). بۇ ئاتالغۇنىمۇ غەربىي تۈرك دەپ چۈشىنىش كېرەك. قارا تۈرك ئاتالغۇسىنىڭ كەمسىتىش مەنىسىنىڭ بارلىقى ئېنىق، بۇ شىمالدىكى ( مەيلى ھون، مەيلى تۈرك، مەيلى  ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن بولسۇن، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى) لەرنىڭ غەربتىكى( باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلار) لەردىن ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈشى سەۋەبلىك پەيدا بولغان سەلبىي مەنا بولۇشى مۇمكىن( گەرچە كېيىن شىمالدىكىلەر كۆچۈپ كېلىپ غەربتىكىلەر بىلەن بىللە ياشىغان بولسىمۇ).
        2. كۆك. كۆك تۈرك خانلىقى شىمالدىكى تۈرك خانلىقى دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى، تۇنجى تۈرك خانلىقى قۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا ئىقلىمنىڭ ئۆزلىرى بىلەن چېگرىداش جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئاساسەن ئەل بولغان، نازارەت ئاستىدىكى تۈركلەر ئىدى. تۇنجى تۈرك خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ئۇلارمۇ شۇنداق تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇپ، چېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ باشقۇرۇلىدۇ. كېيىنكى تۈرك خانلىقى قۇرۇلغاندىمۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىدىكىلەر ئەل بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئىقلىمدىكىلەر تەرىپدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان تۈركلەر ئىدى.(10)شۇڭا، بۇ خانلىق كۆك ( شىمالىي)  تۈرك خانلىقى دەپ ئاتالغان.
          3. ئاق ھونلارمۇ قانداقتۇر تېرىسى ئاق، سۈزۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئاق ھون ئاتالغان بولماستىن، بەلكى شىمالغا تەئەللۇق بۇ ھونلار جەنۇبقا كۆچۈپ بېرىپ، ئەل قۇرۇپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ئاق (جەنۇبتىكى) ھونلار دەپ ئاتالغان.
          4. قىزىل دىلارمۇ چوڭ -كىچىك، ئەر -ئايال ھەممىسى قىزىل كىيىم كىيىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دىلارنىڭ ئۈچ قەبىلىسى ئىچىدە شەرققە جايلاشقان قەبىلە بولغانلىقى ئۈچۈن، قىزىل (شەرقتىكى) دىلار دەپ ئاتالغان.
         5. سېرىق ئۇيغۇر ئاتالغۇسى ئۈستىدىمۇ سەل توختىلىپ ئۆتەيلى. سېرىق چاچ بولغىنى ئۈچۈن سېرىق ئۇيغۇر ئاتالغان دېگەن  قاراش ئەقىلگە سىغمايدۇ، تۇرپان ئۇيغۇرلىرى بىلەن ھازىرقى ھالىتى پەرقلەنمەيدۇ-يۇ، ئەمدىلا بۆلۈنۈپ چىققان ۋاقتىدا شۇنچىۋالا پەرقلىنەمدۇ؟ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەرەپلەرنى رەڭ بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئادىتى بار، ئۇنداقتا سېرىق قايسى تەرەپنى كۆرسىتىدۇ؟ توغرا دېدىڭىز، ئوتتۇرىنى، دەل ئوتتۇرىنى كۆرسىتىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىگە تۇتاش بولغان قۇمۇلدا ئاراتۈرك دېگەن جاي بار، بۇ جاي نامى < كۆك تۈرك خانلىقى شەرقىي، غەربىي خانلىقلارغا بۆلۈنگەندە، ئوتتۇرىسىغا توغرا كەلگەچكە، شۇنداق ئاتالغان> دېيىلىدۇ.( 11) شۇنداق، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى ئورخۇندا قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى تۈرك زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا، بۇ ئۇيغۇرلار سېرىق (مەركەزدىكى)ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالغان.
         رەڭ ئېنىقلىغۇچى بولغان تارىخىي ئاتالغۇلار بىزدە خېلى كۆپ، مەسىلەن، قاراقۇم، قىزىل قۇم، كۆك ئوردا، ئاق ئوردا دېگەندەك ، بۇلارنى تەرەپ بىلەن ئىپادىلىسەك، ئىلمىي، قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرەلەيمىز. ئاقسۇ دېگەن يەر نامىنى ئالايلى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا ئاقسۇ دەرياسىدىن باشقا،كۆكسۇ (كۇچادا) ،قىزىلسۇ (قىزىلدا)، قاراسۇ ( بايدا) دەريالىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆكسۇ دەرياسى شىمالغا جايلاشقان، ئاقسۇ دەرياسى بولسا جەنۇبقا جايلاشقان، بۇ دەريالارنىڭ نامىنى جۇغراپىيىۋى ئورنىغا ئاساسەن ئىزاھلىساقمۇ، تەرەپلەرنى رەڭ بىلەن ئىپادىلەش قائىدىسىگە ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، كۆكسۇ ( شىمالدىكى دەريا)، قىزىلسۇ( شەرقتىكى دەريا )، قاراسۇ ( غەربتىكى دەريا )، ئاقسۇ ( جەنۇبتىكى دەريا ).
        ئۇرخۇن تورىغا تۇنجى كىرىشىم، يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىسى ئورنىدا ئۆزۈمنىڭ بەزى قاراشلىرىنى ئورخۇن ئەھلىنىڭ مۇنازىرىسىگە سۇندۇم. ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىلەر.

      
       ئىزاھات:
      (1). ھاجى نۇر ھاجى :" قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى"62 -بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984 -يىل.
      (2). ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: "قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا" 169 -بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 -يىل.
      (3). نەسرۇللا يولبولدى، مۇھەممەد قاسىم: "جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار" 246 -بەت، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1987 -يىل.
      (4). نىياز كېرىمى، زىۋىدە ساتتار: " دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە" 275 -بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006 -يىل.
      (5). ئىمىن تۇرسۇن: " قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى" 187 -بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 -يىل.
      (6). 二十四史•史记》第324页,上海中华印刷有限公司,2004年
      (7). ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: " قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا" 169 - بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002- يىل.
      (8). خۇا تاۋ: " 8 ---،10 - ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات" 448 -بەت، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2003- يىل.
      (9). ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: " ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى" 427 -بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2005- يىل.
      (10). س.گ. كلياشتورنىي: "قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر" ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2000- يىل.
      (11). نىياز كېرىمى، زىۋىدە ساتتار: " دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە" 177 -بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006- يىل.

زامان بىلوگىدىن ئىلىندى

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر