قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئالاقىدار يەر – جاي
ناملىرى
ھەسەنجان يۈسۈپ
قەشقەرنىڭ بىر قىسىم قەدىمىي يەر – جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى، بۇ يەر – جاي ناملىرىغا ئالاقىدار تارىخىي ۋەقەلەر، تىل مەسىلىلىرى بىزنى قەشقەرنىڭ تارىخ – تەزكىرىسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مول ماتېرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئالاقىدار يەر – جاي ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئالاھىدە تارىخىي شارائىت ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، قەشقەرنىڭ تارىخ – مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەسكىھىسار
قەدىمكى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەسكىھىسار كەنتىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 6.2 كىلومېتىر كېلىدۇ. ‹‹ئەسكىھىسار›› دېگەن ئىسىمدىكى ‹‹ئەسكى›› دېگەن سۆز ‹‹كونا›› دېگەن مەنىنى، ‹‹ھىسار›› دېگەن سۆز ‹‹قورغان›› ياكى ‹‹قەلئە›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئوردۇ، بالىق ۋە كەنت
ئوردۇ، بالىق، كەنت دېگەن ئاتالغۇلارنى قەدىمكى دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىز پايتەخت، شەھەر مەنىسىدە قوللانغان. بۇ ئاتالغۇلار كۆپىنچە يەر ناملىرىغا ئۇلىنىپ كېلىپ، شۇ جاينىڭ سىياسىي ئورنى، كۆلىمى ۋە شەھەر قىياپىتىنى ئىپادىلىگەن. بۇ، ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئاساسىدا بەرپا قىلغان شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ ناملار ھەققىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ناھايىتى ئېنىق مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان. ئوردۇ — قەدىمكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە پايتەخت مەنىسىدە قوللىنىلغان ئاتالغۇ. شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى ئورخۇن دەرياسى بويىدا بولۇپ، دەسلەپتە ‹‹ئوردۇ بالىق››، كېيىن ‹‹قاغان بالىق››، ‹‹خان بالىق›› (خان شەھىرى) دەپ ئاتالغان. 11 – ئەسىرنىڭ ئالدى – كەينىدە قەشقەر بىلەن بالاساغۇن شەھىرى قاراخانىيلارنىڭ ئىككى مۇھىم مەركىزى (پايتەختى) بولغان ۋە ‹‹ئوردۇ كەنت››، ‹‹قۇز ئوردۇ›› دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. بۇ توغرىدا مەھمۇد كاشغەرىي: ‹‹خاقانلار تۇرىدىغان قەشقەر شەھىرى ئوردۇ كەنت (پايتەخت شەھەر) دېيىلىدۇ، بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر، مەركەز، دېگەنلىك بولىدۇ. بالاساغۇن شەھىرى (قۇز ئوردۇ) مۇ <شىمالىي پايتەخت> دەپ ئاتىلىدۇ››، دەپ مەلۇمات قالدۇرغان. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا يەنە: ‹‹ئوردۇ — خان شەھىرى، مەركەز›› دەپ ئىزاھلانغان. ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى››دە ‹‹ئوردۇ›› نىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ‹‹ساراي›› دېگەن مەنانىمۇ بىلدۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ‹‹قۇتادغۇ بىلىك››تە ‹‹ئوردۇ›› ھەم پايتەخت، ھەم مەخسۇس خان تۇرىدىغان جاي مەنىسىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلەرگە خاس رىۋايەت – قىسسىلىرىدىمۇ ‹‹ئوردۇ››نىڭ ئەتراپى سېپىل بىلەن قورشالغان، ھەيۋەتلىك دەرۋازىسى بولغان، كۆركەم نەقىشلەر ۋە جاھازلار بىلەن بېزەلگەن، تۆرىدە مەخسۇس خان ئولتۇرىدىغان تەخت بولغان چوڭ تىپتىكى كاتتا قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ‹‹ئوردا›› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ‹‹ئوردۇ›› كەڭ دائىرىدە خان ئولتۇرىدىغان شەھەر، يەنى ‹‹پايتەخت›› دېگەن مەنىدە، تار دائىرىدە ‹‹خان تەختتە ئولتۇرۇپ ۋەزىر – ۋۇزرالار بىلەن بىرلىكتە خانلىقنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان، ئەمىر – پەرمان چۈشۈرىدىغان، خانلىقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچى مەركەزلەشكەن جاي››غا، جۈملىدىن بىر ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشقا قارىتىلغان. بالىق — ئەتراپىغا سېپىل سوقۇلغان ‹‹شەھەر، قەلئە›› دېگەن مەنىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى قوللىنىلغان. ئۇ ئۇيغۇرلار بۇددىزم مەدەنىيىتىدىن يېڭىلا ئايرىلىپ چىققان دەۋرلەردىمۇ بۇددىزم دەۋرىگە ئائىت شەھەرلەرنىڭ نامى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە بىر مەزگىل قوللىنىلىپ، قاراخانىيلار دەۋرىدىن كېيىن ئاستا – ئاستا ئىستېمالدىن قالغان. بۇ ھەقتە مەھمۇد كاشغەرىي: ‹‹بالىق — ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىكى شەھەر، قەلئە، دېگەن مەنىدىكى سۆز، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بېشبالىق، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بەش شەھەر دېگەنلىك بولىدۇ...›› دەپ يازغان. تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشبالىق، ئوردۇ بالىق (قاغانبالىق)، يېڭىبالىق، جانبالىق، قۇچۇبالىق، بايبالىق...، دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان شەھەرلىرى بولغان. تارىخىي ماتېرىياللاردىن ‹‹بالىق›› دېگەن سۆز قوشۇپ ئاتالغان بۇنداق شەھەرلەرنىڭ سېپىل بىلەن قورشىلىدىغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئىككى – ئۈچ قات سېپىل بىلەن قورشىلىپ، ئىچكى شەھەر، تاشقى شەھەر، دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، خان ئوردىسى (سارىيى)نىڭ ئىچكى شەھەردە بولىدىغانلىقى مەلۇم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىمۇ بۇ مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. كەنت (كەند) — شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يەر ناملىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان، قەدىمدىن ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالغۇ. ئۇ قەدىمكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئارىسىدا ‹‹شەھەر، يۇرت، يېزا›› دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن. مەھمۇد كاشغەرىي بۇ سۆزگە: ‹‹كەنت — شەھەر. قەشقەر ئوردۇ كەنت، دېيىلىدۇ. بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر، مەركەز، دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى، بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ساپ بولغانلىقتىن، ئافراسىياپ بۇ جايدا تۇرغان›› دەپ ئىزاھات بەرگەن. كەنت — ئوردۇ، بالىق، دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان شەھەرلەردىن سىياسىي جەھەتتىن تۆۋەن، كۆلەم جەھەتتىن كىچىكرەك، ئاساسەن سېپىل بىلەن قورشالمىغان، تەبىئىي ئورمان بىلەن قاپلانغان، مەنزىرىسى گۈزەل شەھەرلەر (جۈملىدىن يۇرت، مەھەللىلەر)گە قارىتىلغان. خانئۆي
بۇ ‹‹خان ئوردىسى›› دېگەن مەنىدىكى نام بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا ‹‹ئوردۇ›› سۆزىنى ‹‹خان شەھىرى›› دەپ ئىزاھلىغان ھەم ‹‹خاقانلار تۇرىدىغان قەشقەر شەھىرى <ئوردۇ كەنت> دېيىلىدۇ›› دەپ مەلۇمات بەرگەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، مەھمۇد كاشغەرىي‹‹خان ئۆي›› ياكى ‹‹خان شەھىرى››نىڭ ئىككىنچى ئاتىلىشى ‹‹ئوردۇ كەنت››دېيىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. مەھمۇد كاشغەرىي يەنە ‹‹ئوردۇ كەنت›› سۆزىنى ‹‹خان تۇرىدىغان شەھەر، مەركەز›› دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇ مەلۇماتلار بىر تەرەپتىن، چاقماق دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمىي شەھەر خانئۆينىڭ قەدىمكى قەشقەر –– سۇلى بەگلىكىنىڭ مەركىزى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خانئۆينىڭ ئاپراسىياپ دەۋرىدە، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 6 –، 7 – ئەسىرلەردىلا خېلى گۈللەنگەن شەھەر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇچۇرلارنى بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. خانئۆي ھازىر قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسىغا تەۋە بىر كەنتنىڭ نامى بولۇپ، بۇ كەنتنىڭ شەرق تەرىپىدىكى سېغىز توپىلىق ئېگىزلىككە جايلاشقان قەدىمكى ‹‹خانئۆي›› شەھىرىنىڭ خارابىسى بار. بۇرھان
بۇرھان — ئادەم ئىسمى بولۇپ، قەشقەرنىڭ يەر ناملىرىدا ‹‹ئۈچ بۇرھان›› دەپ ئۇچرايدۇ. قەشقەردىكى مەشھۇر بۇددا مىڭئۆيى ‹‹ئۈچ بۇرھان›› دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇرلار بۇددا دىنى ئىلاھىنىڭ نامىنى توخرى تىلىدىكى ‹‹بۇد››تىن قوبۇل قىلغان. ئەمما ئۇنىڭغا ‹‹قان›› (خان)نى قوشۇپ ئۇنى ‹‹بۇرقان›› شەكلىدە قوللانغان. ‹‹بۇر›› سۆزىنىڭ يىلتىزى ئەسلىي سانسكرىت تىلى (قەدىمكى ھىندى تىلى) دىكى ‹‹بۇددىھا›› بولۇپ، شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەر تىلىغا ‹‹بۇد›› بولۇپ ئۆزلەشكەن، ‹‹قان، خان›› سۆزى بولسا ‹‹قاغان، خاقان›› نىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر. كېيىنچە ‹‹بۇرخان›› سۆزى ‹‹بۇرقان››غا، ئاندىن ھازىرقى تىلىمىزدىكى ‹‹بۇرھان›› غا ئۆزگىرىپ، ئەرەبچىدىكى ‹‹بۇرھان›› (ھۆججەت، پاكىت) دېگەن سۆزگە ئوخشاپ قالغان. تاشمىلىق
تاشمىلىق — قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسى بولۇپ، بۇ نام ‹‹تاش›› ۋە ‹‹بالىق›› دېگەن ئىككى سۆزدىن ياسالغان. ‹‹تاش قەلئە›› (شەھەر) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمدە بۇ جايدا مۇشۇنداق بىر قەلئە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹ب›› تاۋۇشىنىڭ ‹‹م›› تاۋۇشىغا ئۆزگىرىش ھادىسىسى بار. ھازىرقى ‹‹مەڭگۈ›› سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹بەڭگۈ›› بولۇشى بۇنىڭ مىسالى. شۇڭا، ‹‹تاشبالىق›› مۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاشلا ‹‹تاشمالىق››، ‹‹تاشمىلىق›› قا ئۆزگەرگەن. مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى 2009– يىل5– ئاينىڭ21– كۈنىىدىكى سانىدىن ئىلىندى
|

