باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

مەرىپەت گۈلىستانى- ئۈمىد مەكتەپ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-16 12:43 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەرىپەت گۈلىستانى ئۈمىد مەكتەپ ھەققىدە ئەسلىمە ئابدۇسالام توختى ( شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدىن) مەرىپەت گۈلىستانى غۇلجا شەھەرلىك

مەرىپەت گۈلىستانى ئۈمىد مەكتەپ ھەققىدە ئەسلىمە
 

 

ئابدۇسالام توختى

( شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدىن)

مەرىپەت گۈلىستانى


غۇلجا شەھەرلىك ئۈمىد مەكتەپ( ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ) ئۆز ۋاقتىدا غۇلجا شەھىرى بويىچە ھەتتا پۈتكۈل ئىلى ۋىلايىتى بويىچە داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ مەكتەپ ئىلى( غۇلجا) مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆپلىگەن تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەكتەپ. ئۇ مىڭلىغان ئۈمىد چېچەكلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن بىر مەرىپەت گۈلىستانى، ئىلى مائارىپى تارىخىدا چاقناپ تۇرغان بىر نۇرلۇق يۇلتۇز.ئۈمىد مەكتەپ شۇ چاغدىكى ئۈچ دەرۋازا چوڭ كوچىسىغا جايلاشقان، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 9 - 10 موچە كېلەتتى. مەكتەپنىڭ چوڭ كوچىغا( جەنۇب تەرەپكە) قاراپ تۇرغان دەرۋازىسىدىن كىرسىڭىز ئوڭ تەرەپتە سىنىپ، سول تەرىپىدە چوڭ مەسچىت بار ئىدى، مەسچىتتىن سەل ئۆتكەندە، غەربتىن شەرققە سوزۇلغان بىر ئىمارەت بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى ئىدى. مەكتەپ مەيدانىنىڭ شىمال تەرىپى چوڭ دەڭ بىلەن تۇتىشاتتى، شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىنى شەخسلەرنىڭ باغلىرى ئوراپ تۇراتتى.
ئۈمىد مەكتەپنىڭ يەنە 1 - شۆبە باشلانغۇچ مەكتەپ، 2 - شۆبە باشلانغۇچ مەكتەپ( سايرامىيە مەكتەپ) دېگەن ئىككى شۆبە مەكتىپى بار ئىدى، ئۈمىد مەكتەپ چوڭ مەكتەپ دەپ ئاتىلاتتى. مەن 1941 - 1942- ئوقۇش يىلى مۇشۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم.
مېنىڭ ئۈمىد مەكتەپتىكى ئوقۇش تارىخىم 1941 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە بولغان گومىنداڭ دەۋرى بىلەن 1944- 1949- يىلغىچە بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىگە توغرا كەلدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى باشلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۈمىد مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئازادلىق كۈرىشى» ناملىق بىر جەڭگىۋار ناخشا ئۆگىتىلگەنىدى. ئۇ ناخشىنىڭ دەسلەپكى كۇبلىتى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ ناخشا مۇنداق باشلانغانىدى:ئازادلىق كۈرەشنىڭ يولىنى ئاچتۇق،دولقۇنلاپ تىك قىرغاقلارغا تاشتۇق.دولقۇنلار ئارىسىدا راسا قاينايمىز،چېكىنمەيمىز، يانمايمىز، ئالغا چامدايمىز.
ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچ ئالدىنقى سەپكە قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ قولىغا قورال ئېلىپ جەڭگە ئاتلانغانىدى. شۇڭا، 1944 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1945 - يىل 9 - ئايغىچە مەكتەپلەردە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋاقتىنچە توختاپ قالدى. 1945 - يىل 9 - ئايغا قەدەر ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرى تامامەن ئازاد بولدى. 1945- يىل 9 - ئايدا مەكتەپلەردە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. سۆيۈملۈك ئۇستاز، كۆيۈمچان باغۋەنلەر ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن مائارىپ ئىشلىرىدىكى زور نەتىجىلەر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ مائارىپقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە كەڭ مائارىپچىلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھارماي - تالماي جان پىدالىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشلىرى ئارقىلىق قولغا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈمىد مەكتەپ بىر قەدەر مۇنتىزىم قۇرۇلمىغا ئىگە، مەكتەپ مەمۇرىيىتى، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى، ئىلمىي بۆلۈم، تەرتىپ بۆلۈمى، تەنتەربىيە بۆلۈمى، خوجىلىق - مالىيە بۆلۈمى ۋە ئىجتىمائىي بۆلۈملەردىن تەركىب تاپقانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ۋە باشقا ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە ياردەملىشىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، مەكتەپنىڭ ھەر جەھەتتىكى يار- يۆلىكى ۋە مەسلىھەتچىسى بولغان ئاتىلار كومىتېتى بار ئىدى. ئابدۇسالام ئەسقىرى مەكتەپ مۇدىرى، مەۋلان قاراباش ئىلمىي مۇدىر، نەسىردىن ئەپەندى تەرتىپ مۇدىرى ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئېسىل پەزىلەتلىك، بەكمۇ مەسئۇلىيەتچان، بارلىقىنى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە بېغىشلىغان پىداكار باغۋەنلەر ئىدى. مەن غۇلجا شەھەرلىك ئۈمىد مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىلدە ئابدۇسالام ئەسقىرى، كېۋېر نىياز، سادىق ئارۇپ، مەۋلان قاراباش، زەينىدىن يۈسۈپ، بورھانىدىن مەنسۇر، جامالىدىن، نەسىردىن، مەرغۇب ئىسھاقۇف، غېنى كەرىموف، خەمىد ئابباسوف، خۇدابەردى تالىپ، قۇربان خەلپىتىم، ھۈسەيىن خەلپىتىم، تۇرسۇن رەخمىتۇللا، رەجەپ كېۋىر، مىجىت غوپۇرى، ئابدۇۋەلى، داۋۇت تۇراخمەتۇپ، سەربىبىي، سەلىمە تۇرسۇن، خەدىچەتتە، رىزۋان مەرۇپ، ھەلىمەتتە( كېۋىر نىيازنىڭ رەپىقىسى)، رۇقىيەم، ھوشۇرخان، شادىيە سادىقىۋا قاتارلىق ئۇستازلار بار ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا بىزگە ھەر قايسى پەنلەردىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىلىم سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدىغان تىرىشچان كىشىلەر ئىدى. ئۈمىد مەكتەپنىڭ تۈزۈمى چىڭ ئىدى، ئۇستازلىرىمىز ئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى، دەرسنى پۇختا تەييارلىق بىلەن ئۆتەتتى. مەۋسۇم ۋە يىل ئاخىرىدا ئىمتىھان ئېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى جەدۋەللەشتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىناتتى. ئەلاچىلار ئايروپىلان، ياخشىلار ماشىنا، ئوتتۇرا ھاللار ئات، ناچارلار ئېشەك، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر تاشپاقا رەسىمى بىلەن ئىپادە قىلىنىپ كۆرسىتىلەتتى. مۇشۇنداق قىزىقارلىق، جانلىق چارە - تەدبىرلەر قوللىنىلىش ئارقىلىق ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەلاچىلارغا يېتىشىۋېلىشى ئۈچۈن ئىلھام بېرىلەتتى. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش، تىللاپ دىلىغا ئازار بېرىشتەك ناچار ئىللەتلەر ھەرگىز كۆرۈلمەيتتى. شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتۇق، ئۇلار بىزنىڭ ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمىز ۋە كۆيۈمچان باغۋەنلىرىمىز ئىدى.
سەمىمىي غەمخورلۇق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى خەلق مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. مەسىلەن: ئۇ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلارنىڭ كۆپ ۋە ئالدىراشلىقىغا، ۋاقىتنىڭ قىسلىقىغا قارىماي، غۇلجا شەھىرىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراپ تۇراتتى. بىز ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يەنى 1945 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە ئەخمەتجان قاسىمى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ھاكىم جاپپار قاتارلىق مائارىپ مۇپەتتىش خادىملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈمىد مەكتەپكە بىرنەچچە قېتىم كەلگەنىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ خەلق مائارىپى ئىشلىرىغا ۋە ئەۋلادلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دائىر تۆۋەندىكىدەك بىر ئىش ھازىرغىچە ئېسىمدە. 1947 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇغ مەيداندا( ھازىرقى خەلق باغچىسى ئورنىدا) دا غۇلجا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مەكتەپلەردىكى ئوقۇشتا، ئەخلاقتا، تەرتىپ- ئىنتىزامدا ئۈلگىلىك ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى. ئەخمەتجان قاسىمى سۆزگە چىقىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ:
«... بۈگۈن مۇكاپاتلانغان بالىلار ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرى، مەن بۇ بالىلارنى، جۈملىدىن بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتقان ئۇستازلارغا رەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە بارلىق بالىلارنىڭ تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بالىلار، سىلەر ۋەتىنىمىزنىڭ ئىگىلىرى، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى، شۇڭا تىرىشىپ بىلىم ئېلىڭلار، بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر، بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى، بالىلار سىلەر ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ ئۈمىدى. ئۈمىد ياش ئەۋلادلاردا...» دېگەن سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلىقىم تۈۋىدە ياڭراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. 
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ ئەخمەتجان قاسىمى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە، خىلمۇ - خىل قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە غەمخورلۇق قىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنى يۇقىرى باھالاش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرەتتى. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئىچىدە ئۈمىد مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابدۇسالام ئەسقىرى ئەينى ۋاقىتتىكى خېلى يۇقىرى سەۋىيىلىك، تەجرىبىلىك پىشقان پېداگوگ بولۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ۋە مائارىپ ساھەسىدە يۇقىرى ئىناۋەت، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇ مائارىپ ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنى شەرەپلىك ھالدا «ئىستىقلالىيەت 1 - » مېدالى بىلەن تارتۇقلىغانىدى. مانا بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇتۇقۇچىلار ئەمگىكىنىڭ قەدىرلىنىدىغانلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمەتلىنىدىغانلىقىنىڭ بىر مىسالى.
ئەخمەتجان قاسىمى 1948 - يىلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكىگە يۇقىرى باھا بېرىپ قىلغان بىر سۆزىدە:« كىشىلىك جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچى مېھنىتىدەك پەخىرلىنەرلىك مېھنەت يوقتۇر، چۈنكى ئالىم، مۇتەخەسسىس، يازغۇچى، قوماندان، جەمئىيەت ئەربابى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېگەنىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ھەقىقەتەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئىگە سۆيۈملۈك، دانا رەھبەر ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغۇچى ئىدى.
ئۇنتۇلماس پائالىيەتلەر
ئەينى يىللاردا ئۈمىد مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ئۆگىنىشىمىزگە، چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشىمىزغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. مەسىلەن: بىرىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، مەكتەپ بويىچە »بىرىنچى قەدەم« ناملىق تام گېزىتى چىقىرىلاتتى. بۇ گېزىتكە ھەر قايسى سىنىپتىكى كىچىك مۇخبىرلار يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تەرتىپ - ئىنتىزام جەھەتتىكى ياخشى ئىش ۋە ئۈلگىلىك پائالىيەتلىرى، بايرام، خاتىرە كۈنلەر ھەققىدىكى تەسىرات ماقالىلىرى، قىسقا شېئىر ۋە ماقالىلەر چىقىرىلاتتى. بۇ گېزىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىققا بولغان قىزىقىش - ھەۋىسىنى قوزغاش ۋە ئۆستۈرۈش، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور رول ئوينىغان، شۇ چاغلاردىلا ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خېلىلا ياخشى ماقالە ۋە شېئىرلارنى يازالايدىغان ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بارلىققا كەلگەنىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خىلمۇ خىل تەدبىرلەر قوللىنىلاتتى. مەسىلەن: ئۇستازىمىز كېۋىر نىياز يازغان ماقالىلىرىمىزنىڭ سۆز - جۈملىلىرىنىڭ راۋان، ئىملاسى توغرا، رەتلىك، خەتنىڭ چىرايلىق بولۇشى جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. چورنىۋاي، بېلىۋاي دەپتەر تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بىز مۇئەللىم سۆزلىگەن لېكسىيىنى چورنىۋاي دەپتەرگە يېزىۋېلىپ، كېيىن بېلىۋاي دەپتەرگە ئۇدۇللۇق رەتلىك، چىرايلىق، پاكىز قىلىپ كۆچۈرۈپ چىقاتتۇق. بۇمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتنى چىرايلىق ۋە توغرا يېزىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى بىر تەدبىر ئىدى.
يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق( سۆزلەش) ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، سىنىپ ۋە مەكتەپ بويىچە سۆز مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. 1948 - يىلى ساۋاقدىشىم سابىت روزى مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سۆز مۇسابىقىسىدە 1 - بولۇپ مۇكاپاتلانغانىدى.
ئىككىنچى، مەكتەپتە ساز كۇرژۇكى ئۇيۇشتۇرۇلغانىدى. بۇنىڭغا ئەينى يىللاردىكى مۇزىكا( ناخشا) ئوقۇتقۇچىمىز جامالىدىن ئەپەندى ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلاتتى. بۇ كۇرژۇكقا بىر قىسىم ھەۋەسكار ئوقۇغۇچىلار قاتناشقاندىن باشقا يەنە بىر مۇنچە ئوقۇتقۇچىلارمۇ قاتناشقانىدى. ئەينى يىللاردا ھەر يىللىق ئوقۇش باشلاش ۋە ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى، يېڭى يىلنى ۋە ھەر خىل بايراملارنى قارشى ئېلىش، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى، سىنىپلار ئارا ۋە مەكتەپلەر ئارا ناخشا - مۇزىكا مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە، بۇ ساز كۇرژۇكىنىڭ ئەزالىرى تېخىمۇ جانلىنىپ كېتەتتى. جامالىدىن ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەرنى قىزغىن، جانلىق، خۇشال - خۇرام ۋە ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈشتە بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايتتى. مەسىلەن: 1948 - يىلى يېڭى يىلدا ئۇ قا ق( ئۇيغۇر - قازاق – قىرغىز) كۇلۇبىدا ئۈمىد مەكتەپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرت كېچىلىكىدە مەكتەپ سەنئەت كۇرژۇكىنىڭ ئەزالىرىدىن غىياسىدىن بارات ئېيتقان «ئامان بولسۇن»، ئايتۇرغان ئېيتقان «ئەمگەك ھەققىدە ناخشا»، ھۆرىيەت ئورۇندىغان «ھەربىي ئۇسسۇل» قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مانا شۇ ئۈمىد مەكتەپ ساز كۇرژۇكى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىچىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىيەت - سەنئەت ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان غىياسىدىن بارات( ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك كومپوزىتور)، ئايتورغان سابىتىۋا( ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە) ، ھۆرىيەت( ھازىر بېيجىڭدا، »شەرق ناخشا- ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىسى) قاتارلىق بىر مۇنچە خەلق سەنئەتكارلىرى يېتىشىپ چىقتى.
ئۈچىنچى، مەكتەپتە تەنتەربىيە كۇرژۇكى قۇرۇلغانىدى. بۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتىكى ياش تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، ماھىر ۋالىبولچى توپكىچىسى، ئۇستازىمىز تۇرسۇن رەخمىتۇللا يېتەكچىلىك قىلغانىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ۋالىبول مۇسابىقىسىگە، يۈگۈرۈش، سەكرەش مۇسابىقىلىرى، پىرامىدا ئويۇنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەيتتى. بۇ كۆيۈمچان ۋە تەلەپچان ئوقۇتقۇچىمىز ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بەدەن ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تەنتەربىيە دەرسى ۋە باشقا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە بىزگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى. شۇڭا 1948- يىلى غۇلجا شەھىرى بويىچە مەكتەپلەر ئارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ 500 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئۈمىد مەكتەپتىن بىر تاتار ساۋاقدىشىمىز 2 - لىككە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى. مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن پىرامىدا مۇسابىقىسىدە ساۋاقدىشىمىز گۈلجامال زاكىرىۋا( ھازىر تاشكەنتتە) 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.مەكتەپ تەشكىلىنىڭ يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلەرنى كونكرېت ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈمىد مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندىن ماسلاشتى. بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى خېلى زور رول ئوينىدى. ئۇ چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سابىت روزى بولۇپ، ئۇ مەكتەپ بويىچە ئۆگىنىشتە ئەلاچى، ئىجتىمائىي خىزمەتلەردە پائالىيەتچان ياخشى ئۆسمۈر ئىدى.
ئاتىلار كومىتېتى
ئۈمىد مەكتەپنىڭ ئىشلىرىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىپ يار - يۆلەك بولىدىغان بىر كومىتېت بار ئىدى. ئۇ «ئاتىلار كومىتېتى» دەپ ئاتىلاتتى. مەن ئوقۇۋاتقان يىللاردا ئاتىلار كومىتېتى زاكىرجان ئاكا، نەسرۇللا باي، مىرزاھىت بابا قاتارلىق بىر مۇنچە مائارىپپەرۋەر يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن تەركىب تاپقانىدى. ئۇلار يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە زاتلار ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن روناق تاپقان خەلقپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر كىشىلەر ئىدى. ئاتىلار كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مەكتەپكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن پىكىر - تەكلىپ، مەسلىھەت بېرىش ئىدى. شۇڭا مەكتەپ مەمۇرىيىتى مەكتەپ خىزمىتىدىكى بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ھەققىدە ئۇلاردىن پىكىر - مەسلىھەت ئالاتتى. ئاتىلار كومىتېتى مەكتەپ يولۇققان قېيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ياردەم بېرەتتى ۋە مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى، ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىكى ئىش بولسا ھەل قىللاتتى. مەسىلەن: قىيىنچىلىقى ئېغىر نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇش قوراللىرى ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيتتى. مەكتەپ ھەر يىلى يىللىق ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا ئوقۇغۇچىلارنى ئىلى دەرياسى بويىدىكى ساپ ھاۋالىق، مەنزىرىلىك جاي زەيىمكاغا ئېلىپ چىقىپ، بىپايان تەبىئەتنىڭ جانغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان گۈزەل مەنزىرىلىرىنى سەيلە - تاماشا قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھلۇق، تېتىك، ساغلام، ئەقىللىق ئۆسۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرەتتى.
 شۇ يىللاردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان «زەيىمكا ساياھىتى» گە كېتىدىغان ئىقتىسادىي چىقىمنى ئاساسەن ئاتىلار كومىتېتى ئۈستىگە ئالاتتى. شۇڭا ئاتىلار كومىتېتى بارلىق ئوقۇتقۇچى - خىزمەتچىلەرنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى.
ئۈمىد چىچەكلىرى
1948 - يىل 6 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە ئۇ قا ق كۇلۇبىدا ئۈمىد مەكتەپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئېچىلدى. يىغىن ناھايىتى داغدۇغىلىق ئېچىلدى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە زور ئىلھام بېرىلدى. يىغىندا ئۈمىد مەكتەپنىڭ ھەر قايسى سىنىپلىرىدىن سابىت روزى، رەخىم قاسىم، ئازات مامۇتوف، ئابدۇسېلىم توختى، گۈلجامال زاكىر، ئەخمەت ئىمىن قاتارلىق 20 نەچچە بالا مۇكاپاتلاندى. مەكتەپ مۇدىرىمىز ئابدۇسالام ئەسقىرى يىغىندا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى يىغىنىمىز ناھايىتى ياخشى يىغىن بولدى. مەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلەپ بىلىم ئېلىشىنى، مەكتىپىمىزنىڭ «ئۈمىد مەكتەپ» دېگەن نامغا لايىق ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى سىلەر خەلقىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىد غۇنچىلىرى، ئۈمىد چېچەكلىرى. مەن ئۈمىد چېچەكلىرىنىڭ كەلگۈسىدە خەلقىمىزگە مول مېۋىلەرنى ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن كەلگۈسىدە ۋەتەنگە، خەلققە ياراملىق كۆپلىگەن ئىختىساسلىق خادىملار، ئوقۇتقۇچىلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى، ئالىملار، يازغۇچىلار، شائىرلار، سەنئەتكارلار، دوختۇرلار ۋە باشقا ئاجايىپ ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر يېتىشىپ چىقىدۇ...».
كېيىنكى يىللاردىكى ئەمەلىي ئەھۋال مەكتەپ مۇدىرىمىز ئابدۇسالام ئەسقىرىنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىزنىڭ ساۋاقداشلىرىمىز ئىچىدىن ھەقىقەتەن ۋەتەن، خەلق، مىللىتىمىز ئۈچۈن جان - دىل بىلەن ئىشلەپ، ھەر ساھەدە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىختىساسلىق خادىملار بارلىققا كەلدى. مەسىلەن:
رەخىم قاسىم: شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «تارىم»( شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر، ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان.
مالىك كېۋىر: «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى ۋە «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىدا ئۇزۇن يىل مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن ئاخبارات خادىمى، ئالىي مۇھەررىر، پېشقەدەم يازغۇچى.مايمۇنەم ئابدۇۋەلى( جارۇللايوف): ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىدارىلەر كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن پېشقەدەم رەھبىرىي كادىر.
سابىت روزى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچى، تىلشۇناس.
تۇرسۇن مۇھەممەت پەخىردىن: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا ئۇزۇن يىل مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، ئالىي مۇھەررىر، بالىلار شائىرى.غىياسىدىن بارات: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئاتاقلىق چالغۇچىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى، دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك كومپوزىتور.
قۇربان ئىمىر: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇنەۋۋەر رەھبىرىي كادىر.ئابدۇسالام توختى: شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى، باش مۇھەررىرى( ئالىي مۇھەررىر)، پېشقەدەم شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان، دۇنيا ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقانلىق ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلمىي خادىم، پەخرىي دوكتۇر، «دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر تۆھپىكارى» ناملىق ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن مۇتەخەسسىس.
بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان كىشىلەردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئىختىساسلىق خادىملار يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ، پەن تەتقىقات، ئەدەبىيات - سەنئەت، مالىيە - ئىقتىساد ۋە باشقا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى ۋە قوشماقتا.ئەينى ۋاقىتتا ئۈمىد مەكتەپتە تەربىيىلەنگەن «ئۈمىد غۇنچىلىرى» نىڭ بۈگۈنكى كۈندە سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئانا يۇرتىمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن شېرىن مېۋىلەر ئاتا قىلغانلىقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە بىزنى بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپلا ياخشى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن ئاشۇ سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمىزنى، مەرىپەت گۈلىستانى بولغان ئانا مەكتىپىم ئۈمىد مەكتەپنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن تىلغا ئالىمەن ۋە سېغىنىمەن.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2006 – يىللىق 1 – سان
 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر