باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

غۇلجىدا يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-16 12:40 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
غۇلجىدا يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ باشلىنىشى غۇلجا مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى چېگرا شەھەر. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ غەرب، شەرق قاتنىش

غۇلجىدا يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ باشلىنىشى




غۇلجا مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى چېگرا شەھەر. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ غەرب، شەرق قاتنىشىدىكى ئەڭ چوڭ چېگرا ئېغىزىغا جايلاشقان، شۇنىڭدەك " غۇلجا ناھايىتى بۇرۇنلا چىن، بەدەخشان، روسىيە ئارىسىدىكى تىجارەت مەركىزىگە ئايلانغان". (بارتولد، <غۇلجا>، " شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى " 1995-يىل، 3-سان) . غۇلجىنىڭ ئەنە شۇنداق جۇغراپىيىلىك ئورنى ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ مەملىكەت ئىچى، بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەت سىرتىدىكى بەزى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەنمۇ باردى- كەلدى قىلىشىغا ، شۇنىڭدەك شەرق-غەربتىن كەلگەن سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا قولايلىق بولغان.
غۇلجىدىكى مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى پۈتتۈرۈپ، يەنىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇخارا، ئىستامبۇل، قازان، قاھىرە ۋە باشقا جايلاردىكى ئوتتۇرا شەرقنى ئۈلگە قىلغان مائارىپ مەركەزلىرىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىشى ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن. ئەنە شۇنداق سىرتتا ئوقۇپ كەلگەن تەرەققىپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا غۇلجىدا خېلى بۇرۇنلا بىر قىسىم دىنى مەكتەپلەردە ئانا تىل، ھېساب قاتارلىق پەننىي دەرسلەر كىرگۈزۈلۈشكە باشلىغان.
1840-يىللىرى ئەتراپىدا قازاندا ئوقۇپ كەلگەن زاھىد ئەپەندى، ھەمدە راشىدىن، مەنسۇر دېگەن كىشىلەر دىنى مەكتەپلەردە پەننىي دەرسلەرنى كۆپرەك تەسىس قىلىشنى، بالىلارنى ياش قۇرامى ۋە بىلىم سەۋىيەسى بويىچە سىنىپلارغا ئايرىپ ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىغان.
1851-يىلى چارروسىيە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن " ئىلى-چۆچەك سودا نىزامنامىسى" نى ئىمزالاپ، دەسلەپكى قەدەمدە شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ خام-ئەشيا بازىس ۋە سودا بازىرىغا ئايلاندۇرىۋالدى. بۇنىڭ  نەتىجىسىدە ، روسىيە سودىگەرلىرى شىنجاڭغا كۆپلەپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىدى.
چارروسىيە ئىلىنى بېسىۋالغان 10 يىل(1871__ 1881)دا  روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن يەنە بىر قىسىم كۆچمەنلەر غۇلجىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى(بۇلارنىڭ ئىچىدە ياۋروپانىڭ يېڭىچە مەكتەپلىرىدە تەربىيىلەنگەنلەر ۋە ئاز بىر قىسىم مائارىپچىلارمۇ بار ئىدى.
بۇ چاغلاردا يەنە ئىلى(غۇلجا) دىن بەزى كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ سودا قىلغاچ ۋە ئوقۇغاچ ، ئۇ يەرلەردىكى تەرەققىيات بىلەن يېڭى مائارىپنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى كۆرۈپ كېلىپ، غۇلجىدا پەن-مەدەنىيەت ئۆگىنىشىنى ئاساس قىلىپ، يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدى.
1875-يىلى ئەتراپىدا ئەنە شۇنداق ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى ، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەرلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بەيتۇللا مەسچىتى يېنىدا تۆت سىنىپلىق مەكتەپ سېلىندى ھەمدە بۇ سىنىپلار يېڭىچە پارتا،دوسكىلار بىلەن جاھازىلاندى. ئوقۇغۇچىلار ياش قۇرامى ۋە بىلىم سەۋىيىسى بويىچە سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دىنىي دەرسلەر بىلەن بىرلىكتە تىل، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە دەرسلىرى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. بۇ مەكتەپ غۇلجىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۆلىما ناسىر ئەلەمنىڭ قوللىشى، ۋېلىباي، باۋۇدۇنباي، شېرىپىدىن باي قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلدى. مەكتەپنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى قازاندا ئوقۇپ كەلگەن زاھىد ئەپەندى ئىدى. زاھىد ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەكتەپكە << ئىلى مەكتەپ >> دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ مەكتەپ 1881-يىلىدىن 1883-يىلىغىچە بولغان 3-قېتىملىق "كۆچ-كۆچ " مەزگىلىدە ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازلاپ، بىر مەزگىل يېپىلىپ قالغان بولسىمۇ ، 1889-يىلىغا كەلگەندە مۇسابايوفلارنىڭ قوللىشى بىلەن يەنە ئەسلىگە كەلگەن ۋە نامى <<ھۈسەينىيە مەكتىپى >> گە ئۆزگەرتىلگەن. ( بۇ ھازىرقى 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاساسى ئىدى)
1896-يىلىغا كەلگەندە، باۋۇدۇن مۇسابايوف كونا سىنىپلارنىڭ يېنىغا يېڭىدىن ئۈچ سىنىپ سالدۇرۇپ، سىنىپ سانىنى يەتتىگە يەتكۈزگەن. ئۆز ۋاقتىدا " بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن ھاشىر ئىمىن، شەمشىمۇھەممەت نۇرى، نىياز ئاخۇن، ئاخۇنلۇق، نۇرنىجات(چوڭ پاشا) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇلاردىن ھاشىر ئىمىن،شەمشىمۇھەممەت نۇرىلار مائارىپچى، چوڭ پاشا قاتارلىقلار خەتتات ۋە تارىخچى بولۇپ يېتىشكەن. "(ئىمىن ئىبراھىم:<غۇلجا شەھەر 3-باشلانغۇچ مەكتەپ تارىخى>، " غۇلجا شەھەر تارىخ تارىخ ماتىرىياللىرى"،1-كىتاب)
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىن دەرسى بىلەن پەننىي دەرسلەرنى بىرلىكتە ئوقۇتىدىغان تۆۋەندىكى مەكتەپلەر بار ئىدى: ئوردا مەھەللەدىكى مۇسابايوفلار قورۇسىدا ئېچىلغان مەكتەپ ؛ خېلىل، مەخپىر ئەپەندىلەر قۇرغان توغرا كۆۋرۈكتىكى مەكتەپ(1890-يىلى)؛ ئابدۇمۇتائالى كامالى ئاچقان تۆتكۆۋرۈكتىكى مەكتەپ(1895-يىلى)؛ ئۆزبېك مەسچىت يېنىدىكى مەكتەپ(1896-يىلى)؛ كەشفۇل ئەسرار داموللام قۇرغان تاتار مەسچىت يېنىدىكى مەكتەپ(1900-يىلى)؛ ئۈچ دەرۋازا سايبويى مەسچىت يېنىدىكى مەكتەپ(1903-يىلى)؛ ھەرەمباغ قىزىلكۆۋرۈك يېنىدىكى مەكتەپ(1905-يىلى)؛ بۇلاق دادامتۇ مەكتىپى(1909-يىلى). بۇ مەكتەپلەر ئۆز ۋاقتىدا << دەرنەك >> ( مەنىسى: ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان جاي) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئاساسەن يېڭىچە مەكتەپلەر قاتارىغا كىرەتتى. دەرس پروگراممىسىدا قازان ۋە ئىستامبولدىكى يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ پروگراممىلىرى بويىچە دەرس ئۆتۈلەتتى.
1907-يىلىدا غۇلجىدىكى دەرنەك مەكتەپلىرى ئىشلەتكەن دەرس جەدۋىلىگە قارىغاندا، بۇ مەكتەپلەردە بىر ھەپتىدە جەمئىي 26 سائەت دەرس ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ 13 سائىتى تىل-ئەدەبىيات، ھېساب، جۇغراپىيە، ھۆسىنخەت، تازىلىق دەرسلىرى بولۇپ، قالغان 13 سائىتى قۇرئان، ئىسلام دىنى، ئىلىم ھال، قىرائەت قىسسە قاتارلىق دەرسلەر ئىدى.
    مەنبە: <<ئۈمىد يۇلتۇزى>> ناملىق كىتاب.
 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر