باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەرتىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئىنسانلارنىڭ ئون قېتىملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش خات

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-11 22:42 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئالەمدىكى ئەڭ يېقىن « قوشنىمىز »بولغان ئاي شارى تەدرىجىي ھالدا، قۇياش سىستېمىسىدىكى يەر شارىدىن قالسىلا ئەڭ تولۇق تەتقىق قىلىنغان ئ
تەلەي +1

 

ئىنسانلارنىڭ ئون قېتىملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى

 

ئۆتكەن 50 يىلدا ئىنسانلار ئاي شارىغا قارىتا 100 خىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇتۇقلۇق بولۇۋەرمىگەن بولسىمۇ، تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئالەمدىكى ئەڭ يېقىن « قوشنىمىز »بولغان ئاي شارى تەدرىجىي ھالدا، قۇياش سىستېمىسىدىكى يەر شارىدىن قالسىلا ئەڭ تولۇق تەتقىق قىلىنغان ئاسمان جىسمى بولۇپ قالدى.

1. «ئاي ئىلاھى» ئالەم كېمىسى سوۋېت ئىتتىپاقى 1959-يىلى 12-سېنتەبىر قويۇپ بەرگەن «ئاي ئىلاھى - 2» ناملىق ئادەمسىز تەكشۈرۈش ئەسۋابى باشقا ئاسمان جىسىملىرى بىلەن ئۇچراشقان تۇنجى ئالەم كېمىسى بولۇپ قالدى؛ 1959-يىلى 4-ئۆكتەبىر قويۇپ بېرىلگەن «ئاي ئىلاھى - 3» تۇنجى قېتىم ئاي شارىنى يىراقتىن سۈرەتكە ئالدى؛ «ئاي ئىلاھى - 9» تۇنجى بولۇپ كونترول قىلىنغان ئەھۋالدا ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئالەم كېمىسىگە قوندى، 1966-يىلى 3-فېۋرالدا ئۇ ئاي شارى يۈزىدىكى بىر مېتېئورىت ئازگىلىغا قونۇپ، بۇ رايوننىڭ تولۇق يەر شەكلى سۈرىتىنى ئەۋەتىپ بەردى؛ 1966-يىلى 31-مارت قويۇپ بېرىلگەن «ئاي ئىلاھى - 10» ئاي شارىنى 460 قېتىم ئايلىنىپ، باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايلانغان تۇنجى ئالەم كېمىسى بولۇپ قالدى.

2. «5-نومۇرلۇق ئاي شارى ئوربىتىسىنى ئايلىنىش ماشىنىسى» 

بۇ ئامېرىكىنىڭ «ئاپوللو» ناملىق ئايغا قونغۇچى ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييارلىغان ئادەمسىز ئاي شارى ئوربىتىسىنى ئايلىنىپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى بولۇپ، 1967-يىلى 1-ئاۋغۇست قويۇپ بېرىلىپ، 1968-يىلى 31-يانۋار ۋەزىپىسى تاماملانغانغا قەدەر، ئاي شارى سىرتقى يۈزىنىڭ 99 خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى.

3. «ئاپوللو» ناملىق ئالەم كېمىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالەم بوشلۇقى مۇسابىقىسىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىشنى قارار قىلدى. 1968-يىلى دېكابىردا ئۈچ نەپەر ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى «ئاپوللو − 8» ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن ئاي شارى ئوربىتىسىغا كىرىپ، يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ پىلانېتانىڭ سۈرىتىنى تۇنجى قېتىم يىراقتىن تارتتى. 1969-يىلى 20-ئىيۇل «ئاپوللو - 11» دىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى نېئىل. ئارمىستروڭ بىلەن باز. ئالدرىن ئاي شارىدىكى »تىنچ دېڭىز« دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايغا قونۇپ، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئاياغ ئىزىنى ئاي شارىدا قالدۇردى.

4. «ئاي شارىنى تەكشۈرگۈچى» ئالەم كېمىسى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بۇ ئادەمسىز ئالەم كېمىسى 1998-يىلى يانۋاردا قويۇپ بېرىلىپ، ئاي شارى ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ مېتېئورىت ئازگاللىرى ۋە ئاي شارىنىڭ ئىككى قۇتۇبىدىن سۇ مۇزلىرى ۋە باشقا مىنېرال ماددىلارنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدىدى. ئۇ 1999-يىلى 31-ئىيۇل چۈشۈپ كەتكەنگە قەدەر بولغان 19 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ئاي شارى يۈزىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى.

5. «ئىدراك - 1 » ناملىق تەكشۈرگۈچ

ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى «ئىدراك - 1 » ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى. قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئىئونلۇق دىۋىگاتېل ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان كىچىك تىپتىكى بۇ ئادەمسىز ئالەم كېمىسى 2003-يىلى 27-سېنتەبىر قويۇپ بېرىلىپ، 2004-يىلى نويابىردا ئاي شارى ئوربىتىسىغا كىردى.

6. «ئاي شارى ئىلاھەسى»ناملىق ئالەم كېمىسى

ياپونىيەنىڭ «ئاي شارى ئىلاھەسى» ناملىق ئالەم كېمىسى 2007-يىلى 14-سېنتەبىر قويۇپ بېرىلىپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا ئاي شارى ئوربىتىسىغا كىردى. ئۇ ھازىرغىچە ئاي شارىنىڭ ئەڭ تەپسىلىي بولغان ئېغىرلىق كۈچى مەيدانى خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى.

7. «ئاي پەرىسى» ناملىق تەكشۈرگۈچ 

جۇڭگونىڭ «ئاي پەرىسى-1» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى 2007-يىلى 24-ئۆكتەبىر قويۇپ بېرىلىپ، 2009-يىلى مارتتا ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزى بىلەن ئۇچراشتى. 2010-يىلى 1 -ئۆكتەبىر قويۇپ بېرىلگەن »ئاي پەرىسى - 2« ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى كېيىن ئاي شارى سىرتقى يۈزىدىن ئايرىلىپ يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىدىكى لاگرانژې نۇقتىسىغا يۈرۈپ كەتتى.

8. «ئاي كېمىسى - 1«» ناملىق تەكشۈرگۈچ

ھىندىستان 2008-يىلى 22 - ئۆكتەبىر يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان تەكشۈرگۈچ «ئاي كېمىسى - 1»نى ئاي شارى ئوربىتىسىغا قويۇپ بەرگەندىن باشلاپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش سېپىگە قوشۇلدى. «ئاي كېمىسى - 1» دىن قويۇپ بېرىلگەن ئاي شارىغا سوقۇلغۇچى تەكشۈرگۈچ ئاي شارىغا سوقۇلغاندا كۆتۈرۈلۈپ چىققان چاڭ - توزانلاردىن سۇ مۇزلىرىنىڭ ئىزنالىرى بايقالدى.

9. «ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئوربىتا ئۇچقۇسى»

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان «ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئوربىتا ئۇچقۇسى» 2009-يىلى 18-ئىيۇن قويۇپ بېرىلدى، ئۇ ئاي شارىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 3D خەرىتىسىنى سىزىپلا قالماستىن، ئۇ ئېلىپ ماڭغان «ئاي شارى مېتېئورىت ئازگاللىرىنى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاي شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇبىدىكى بىر مېتېئورىت ئازگىلىغا سوقۇلۇپ، ئاي شارى يۈزىدە سۇ مۇزلىرى بارلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلىدى.

01. «مۇقەددەس رومكا» ناملىق تەكشۈرگۈچ

ئامېرىكىنىڭ «مۇقەددەس رومكا» ناملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى 2011-يىلى 10-سېنتەبىردە قويۇپ بېرىلدى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئاي شارى ئوربىتىسىغا كىردى. توققۇز ئاي ئىچىدە «مۇقەددەس رومكا» ئاي شارىغا قارىتا ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە مۇكەممەل تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەتقىقاتچىلار «مۇقەددەس رومكا» ئەۋەتىپ بەرگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئاي شارى ئېغىرلىق كۈچ مەيدانىنىڭ مۇكەممەل تەقسىملىنىش خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىدۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئاي شارىدىكى تاغلار، سوقۇلۇش ئازگاللىرى ۋە ئويمانلىقلارنىڭ يەر شەكلى ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاي شارىنىڭ سىرتىدىن تارتىپ يادروسىغىچە بولغان ئىچكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ، ئاي شارىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىدۇ ۋە ئاي شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماددىلارنى تەتقىق قىلىدۇ. 

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] تۇنجى ئاۋدىفون [ 2012-02-12 00:25:27 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى تىپتىكى تانكىلار [ 2012-02-12 00:24:20 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:20:48 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:18:14 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:15:57 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:13:31 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:09:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] خورەك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ [ 2012-02-11 23:28:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ قۇلاق ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىڭ [ 2012-02-11 23:26:07 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا بۇ يىلدىن ب [ 2012-02-11 23:24:37 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر