![]() |
![]() |
ئوتتۇرا مەكتەپ 1-يىللىق 1-قىسىمئۇچۇر-تېخنىكىسى 1- دەرس يېزىقنى يىغىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش دەرسنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى : يېزىق ماقالىنىڭ مۇھىم بولغان تەركىۋى قىسمى ئىكەنلىگىنى ،يېزىق ماتىرياللىرىنى يىغىشقا توغرا كىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئورگىنال بەت لاھىيىلەشنى ئۆگۈنۈش. دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى : ئورگىنالنىڭ بەت يۈزىنى لاھىيىلەشنى دەسلەپ قادەمدە ئۆگۈنۈش . يېزىق ماتىرياللىرىنى توپلاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشۇش . دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى : يېزىق بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەشخۇلاتلار بىلەن چوڭقۇرلاپ تونۇشۇش. دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى : كۆپ مۇھىتلىق دەرسخانىدا ئەمەلىي مەشغۇلات بىلەن نەزىريە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۈتۈلىدۇ . پايدىلىندىغان ماتىرىياللار : كۆپ مۇھىتلىق دەرسخانا، دەرسلىك كىتاب، كۆپ مۇھىتلىق دەرسخانىدا ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىپ كومپىيوتېر كونتىروللىغۇچ پىراگراممىسى. دەرسخانا پائالىيىتى : 1. ئوقۇغۇچىلار يوقلىمىسىنى قىلىش. 2. دەرسلىك كىتابنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش. يەنى بۇ قىسىم كىتابىمىزدا ئاساسلىق ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە : ئورگىنالنىڭ بەت يۈزىنى لاھىيىلەشنى دەسلەپ قادەمدە ئۆگۈنۈش . يېزىق ماتىرياللىرىنى توپلاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشۇش . يېزىق بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەشخۇلاتلار بىلەن چوڭقۇرلاپ تونۇشۇش. 3. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش، يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشتە ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىق ھەققىدىكى بىلىملىرىنى سوراپ ، ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېردا يېزىق بىرتەرەپ قىلىش ۋە تور بېتىدىكى قىسمەن يېزىقلارنى كۈچۈرۈۋېلىش ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاڭلاپ باقىمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ چۈشەنچىللىرى ئاساسىدا ئاددى قىلىپ ئېنتېرنېت دۇنياسىنىڭ قىزىقارلىق ۋە مول ئۇچۇر دۇنياسى ئىكەنلىكىنى ، پۈتۈن يەر شارىدىكى كىشىلەرنىڭ توردا چەكلىمىسىز ئالاقە ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ، ئۇنداقتا كومپىيۇتېردا بۇ قىزىقارلىق دۇنيانىڭ بوسۇغىسىدىن قانداق ئاتلاپ كىرىمىز؟ دىگەن سۇئال بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى دەرسنىڭ ئاساسى مەزمۇنىغا قايتۇرۇپ كېلىمىز. 4. دەرستىكى ئاساسى مەشغۇلات جەريانى : ئەڭ ئالدى بىلەن كومپىيۇتېرىمىزدىكى يېزىق ماقالىنىڭ مۇھىم بولغان تەركىۋى قىسمى بولۇپ ،ماقالىنى ئىشلەشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېزىق ماتىرياللىرىنى يىغىشقا توغرا كىلىدۇ.يېزىق ماتىرياللىرىغا ئېرىشىشنىڭ يوللىرى تاھايىتىمۇ كۆپ . تۆۋەندىكىچە : ئورگىنالنىڭ بەت يۈزىنى لاھىيىلەشنى دەسلەپ قادەمدە ئۆگۈنۈش (1)مەكتەپ تور بېتىنى زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى مەركىزى مەكتەپتە مەكتەپ تور بېتىنى خەلقارا توردىن پايدىلىنىپ زىيارەت قىلىمىز. يەنى تور ئادرىسىنى ئادرىس رامكىسىغا كىرگىزىمىز. http://otmakani.56.com مەكتەپ ئىچىدە مەكتەپ تور بېتىگە كىرگەندە تور ئادرىسى رامكىسىغا 192.168.1.91 دەپ كىرگىزىمىز.(2) خاتا كىرگىزىپ قويساق كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئۆچۈرۈش ۋە چېكىنىش كۇنۇپكىللىرى ئارقىلىق رامكىدىكى ھەرپ –بەلگىلەرنى ئۆچۈرىمىز. (3) تور بەت كۆرۈنگەندىن كىيىن تور بەتتىكى خالىغان تېمىلارنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىغا ئەڭ ياخشىسى مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى "ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئۈچۈن " دىگەن تېما ئاستىدىن 1-يىللىققا ماس كەلگۈدەك بىرەر تېمىنى تېپىپ ئوقۇپ بەرسەك بولىدۇ. ياكى رىۋايەت-چۆچەكلەر سەھىپىسىدىن بىرەر چۆچەك تېپىپ ئوقۇپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. تېمىلارغا كىرىش ئۇسۇلى تور بەتتىكى ماس كېلىدىغان تېمىنىڭ ئۈستىگەن مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى تاق چېكىشتىن ئىبارەت. 5. دەرسنى پىششىقلاش باسقۇچى :دەرسلىك مەشغۇلاتلىرىنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ بولغاندىن كىيىن بۇ تەرتىپلەرنى مەشغۇلات سەۋىيىسى بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىغان ئوقۇغۇچىدىن بىرەرسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەشغۇلات قىلدۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ. 6. دەرسنى خۇلاسىلەش : دەرس سۆزلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى ئىگەللىگەن ئەھۋالىنى چۈشىنىپ بېقىش ۋە دەرس مەزمۇنىنى تۇلۇقلاپ خۇلاسىلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويىمىز. (1) ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۇزۇ قانچە قەدىم باسقۇچى بار ؟ (2) ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۇزۇش ئۇسۇلى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ ؟ 7. تاپشۇرۇق . ئۈتۈلگەن مەزمونلارنى ئوقۇپ كىلىش . دەررىس تەييارلىغۇچى : تۇرسۇن تۈمۈر تەستىقلىغۇچىنىڭ ئىمزاسى : دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش : 2- دەرس رەسىمگە ئېرىشىش دەرسنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى : توردىن رەسىم چۈشۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش. دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى : رەسىمگە ئېرىشىشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى ئىگەنلەش . رەسىم چارلاش ۋە تاللاش ئۇسۇلىنى ئىگەنلەش . دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى : رەسىم خام ماتىرياللىرىنى مۇۋاپىق رەتلەشنى ئۆگىنىش . دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى : كۆپ مۇھىتلىق دەرسخانىدا ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىپ كۆپ مۇھىتلىق دەرسخانىدا ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىپ كومپىيوتېر كونتىروللىغۇچ پىراگراممىسى.. پايدىلىندىغان ماتىرىياللار : كۆپ مۇھىتلىق دەرسخانا، دەرسلىك كىتاب، كۆپ مۇھىتلىق دەرسخانىدا ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىپ كومپىيوتېر كونتىروللىغۇچ پىراگراممىسى.. دەرسخانا پائالىيىتى : 1. ئوقۇغۇچىلار يوقلىمىسىنى قىلىش. 2. ئالدىنىق سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى تەكرار قىلىش ئۈچۈن قىسقا سىناق ئېلىپ بېرىش. يەنى تاپشۇرۇققا بېرىلگەن بويىچە تور بېتىدىن پايدىلىنىپ كايسى ماقالىغا ئېرىشكەنلىگىنى سوراش ، ئېنتېرنېت تورى ھەققىدىكى بىلىملىرىنى سوراش. 3. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش، يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشتە ئالدى بىلەن بىز يېزىقنى كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتالىنىڭ بار يوكلىقى سورىلىدۇ ؟ 4. دەرستىكى ئاساسى مەشغۇلات جەريانى : توردىن رەسىم چۈشۈرۈش توردىن يېزىق ماتىرياللىرىنى ئىزدىگەندە ، مۇۋاپىق مۇۋاپىق رەسىملەر ئۇچۇرىسا ، ئۇنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئاختۇرۇش ئاختۇرۇش ماتورىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق يەنە ئۆزىمىزگە كېرەكلىك رەسىمنى تېز سۈرەتتە ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ . http://bagwan.33591.com/ 5. دەرسنى پىششىقلاش باسقۇچى :دەرسلىك مەشغۇلاتلىرىنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ بولغاندىن كىيىن بۇ تەرتىپلەرنى مەشغۇلات سەۋىيىسى بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىغان ئوقۇغۇچىدىن بىرەرسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەشغۇلات قىلدۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ. 6. دەرسنى خۇلاسىلەش : دەرس سۆزلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى ئىگەللىگەن ئەھۋالىنى چۈشىنىپ بېقىش ۋە دەرس مەزمۇنىنى تۇلۇقلاپ خۇلاسىلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويىمىز. (1) سىزنىڭچە تورغا كىرىش ئۇسۇلىدا قانداق قىيىنچلىقلار بار ئىكەن. (2) تورغا كىرىپ رەسىم ۋە يىزىق چۈشۈرۈشتە قايسى قەدەم باسقۇچلارنى بېسىشىمىز كېرەككەن ؟ 7. تاپشۇرۇق : بىز كوپ ئىشلىتىدىغان رەسىملەرنىڭ خاسلىقىنى خاسلىقىنى بىلىپ كىلىڭ دەرىس تەييارلىغۇچى : تۇرسۇن تۈمۈر تەستىقلىغۇچىنىڭ ئىمزاسى : دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش :
|




